ئوبزور: ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى ئۇيغۇرلار چوقۇم ياخشى چۈشىنىشى كېرەك

ئوبزور: ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى ئۇيغۇرلار چوقۇم ياخشى چۈشىنىشى كېرەك

 ئوبزور: ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى ئۇيغۇرلار چوقۇم ياخشى چۈشىنىشى كېرەك

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇرلار بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، ئاشكارىلانغان ئاتالمىش « شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارادا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئۇنتۇلۇشتىن قايتا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ھەتتا تەسىرى ۋە ئۈنۈمى بۇرۇنقى ھەرقانداق ۋەقەدىن يۇقىرى بولدى.

 دۆلەتلەر، ئورگانلار، ئۇيغۇرنى تەتقىق قىلغۇچىلار، كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر ئۈچۈن قايتا سىلكىنىش پەيدا قىلدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ھۆججەتلەر ۋە رەسىملەرنى رەسمىي شەكىلدە تەتقىق قىلغۇچىلار شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلاپ، تېخىمۇ ئىنچىكە بولغان،  ئويلىمىغان تەپسىلاتلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. مۇھىمى، خىتاينىڭ رەزىل سىياسەتلىرىگە بولغان تونۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىزى بىلەن ئەمەس، خىتاينىڭ ئۆز پاكىتى بىلەن جەزىملەشمەكتە.
 
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردا بۇ ھۆججەتلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش ھەققىدە تۈرلۈك بەس-مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ، ھازىرغىچە بىز ئىپادىلىگەن قايغۇ، نارازىلىق نامايىشلىرى، تۇغقانلارنى تونۇپ، مېدىياغا سۆزلەش ۋە مۇشۇلارنى ئاساس قىلىپ ھەرىكەتنى كۈچەيتىش مۇھىم ئىنكاسلاردىن بىرى شەكىلدە تونۇلماقتا.

بىز مەزكۇر ھۆججەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگەندە، بىز تاللىغىلى بولىدىغان ئىنكاس،قوللىنىدىغان ھەرىكەت ئۇسۇللىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەمما بىز ئۇيغۇرلار بۇ ھۆججەتلەرنى تەپسىلىي  كۆردۇقمۇ؟ چۈشەندۇقمۇ؟ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇقمۇ؟

بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەخپىي ۋە مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارا بولغانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇلارنى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئادىريان زىنزغا ئوخشاش چەتئەللىك ئالىملار ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ نەتىجىسىنى خەلقئاراغا سۇنۇپ كەلدى، بىز كۆپىنچە ھاللاردا ئالدىمىزغا سۇنۇلغان بۇ ھۆججەتلەرنى چۈشىنىشتە بىزدە باشتىن-ئاخىر يېتەرسىزلىك، چوڭقۇر چۆكمەسلىك مەۋجۇت، سەۋەبى: « بۇرۇنقى بىلەن ئوخشاش، پەقەت زۇلۇمنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ»، «بىز بىلىمىز، ئۇيغۇرلار ئەمەس، چەتئەللىكلەر كۆرسۇن » بۇ تەرىپى توغرا، ئەمما نۆۋەتتە چەتئەللىكلەر تولا كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ بىز ھەققىدە بىلىدىغانلىرى بىزدىن كۆپ بولۇپ كەتتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى بىزگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولماقتا. مەسىلەن: مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنىڭ مەزمۇنى، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ تەپسىلاتى، خەلقئارا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلات ۋە شىركەتلەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزنى ئويلىشىپ بېقىشىمىز كېرەك.

بۇ قېتىملىق ھۆججەتلەر كۆلىمى جەھەتتە، خىتاي سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى جەھەتتە، پاكىتلارنىڭ مۇكەممەللىكى جەھەتتە ھەر قانداق ھۆججەتلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا  رەسىملەردىن باشقا، خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى، لاگېرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى، باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرى، خىتاي مەركىزىنىڭ بىۋاسىتە پەرمانلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زادى قانداق قارايدىغانلىقى تەپسىلىي ئورۇن ئالغان.
مىنىڭ ئويلىشىمچە، بۇ ھۆججەتلەرنى ھەر بىر ئۇيغۇر چوقۇم كۆرۈشى كېرەك، ئانالىز قىلىشى كېرەك، ئوقۇشى كېرەك. بۇ ھۆججەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەت ساھەسىدىكى كۈچلۈك قورالى بولالايدۇ.
بۇلارنى چۈشەنگەندە، بىزگە ئۆز مەسىلىمىزنى ئەڭ سۈپەتلىك رەۋىشتە چۈشىنىپ كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يېقىنلاشقان سەۋىيەدە چۈشىنىشىمىز ۋە باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشىمىزگە پايدىلىق. ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئازراق قىزىققۇچى كىشىلەرنىڭ بىز ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ئارىمىزدىكى ئوتتۇرا ھال سەۋىيەدە ئىزدەنگۈچىلەردىن كۆپ ئالدىدا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلىدىغانلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش تېخى مۇمكىن ئەمەس.

ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ چەتئەلدىكى ھەر قانداق ھەرىكەتلەردە ۋەتەندىكى شۇ خەلقىمىزنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ ھەرىكەت قىلىشىمىزدا پايدىلىق. بىزنىڭ ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ كۈچى، شۇ خەلقنى قۇتقۇزۇشقا مەركەزلىشىشى كېرەك.

بۇنىڭغا ئوخشىغان ھۆججەتلەرنى چۈشىنىش بىزنى يەنە خەلقئارانىڭ بۇنداق ئىشلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى سىستېمىلىق كۆزىتشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.

ھازىر ھەر قانداق تىلدا بۇ ھۆججەتلەرگە ئائىت ئىزاھاتلار، ۋىدىئولار، تەتقىقات ماقالىلىرى، ئوبزورلار تېپىلىدۇ.دۆلەتلەرنىڭ باياناتلىرى تېپىلىدۇ. بۇلار ئۈچۈن ئالدى بىلەن ۋاقىت ئاجرىتىش، ئوقۇش، ئاڭلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلارنى چۈشەنگەن چىغىمىزدا، نېمە ئۈچۈن بۇ ھۆججەتلەرنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، دۇنيانىڭ ئىنكاسنىڭ قاتتىق بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن قارشىلىق قىلغانلىقىنى چۈشىنىش بىلەن بىرگە، ئۆزىمىزمۇ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى بىلىمىز،ھېچبولمىسا، ئۆزىمىزنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا بىر نەچچە كۈن بولسىمۇ قايغۇلۇق ھېسداشلىق قىلىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى بىلىمىز.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قەشقەر ھېيتگاھ ئەتراپىدىكى دۇكانلار خىتايلارغا زېمىنلىق سېتىلىشقا باشلىدى

سە ماي 31 , 2022
قەشقەر ھېيتگاھ ئەتراپىدىكى دۇكانلار خىتايلارغا زېمىنلىق سېتىلىشقا باشلىدى

You May Like