ئۇيغۇرلار خىتاي ۋىرۇسى كرزىسىگە ھەمكارلىق روھى بىلەن قارشى تۇرماقتا

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ توپلاشقان يېرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىسىدىن ساق – سالامەت ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىكىدە كىرزىس ياردەم مەركىزى قۇرۇلدى.

                                                                  ھەبىبۇللا ئىزچى

 

  • (1)                                                                              

 

               مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ توپلاشقان يېرى تۈركىيەدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىسىدىن ساق – سالامەت ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىكىدە كىرزىس ياردەم مەركىزى قۇرۇلدى.

 

                 بۇ چاقىرىققا دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇرلار ۋە شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى   ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە قىسقىغىنا ۋاقىتتا بىر مىليۇن لىرادىن كۆپ ياردەم توپلىدى .  ۋە سېستىمىلىق ھالدا تۈركىيەنىڭ ھەر تەرىپىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈلدى.

 

       تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستان ۋەقپىدىن تىبەت يۈجەتۈرك،شەرقى تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىدىن ئىلخان تۇرانلى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈركىيە تەمسىلچىسى ئابدۇرېشىت ھاجى يېتەكچىلىكىدە، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەقپى،شەرقى تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق تەشكىلاتى تارمىقىدىكى سۇتۇق بۇغراخان ۋاقپى ،قاتارلىق تەشكىلاتلار تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېىتىياجىنى چىقىش قىلىپ ياردەم يېمەكلىكى بولاقلىرى،تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى،بوۋاقلارغا ئېھتىياجلىق بويۇملار،ۋە نەق پۇل  ياردەملىرىنى تارقاتتى.

 

     بۇ مۇناسىۋەت بىلەن  تۈركىيەدىكى نۇرغۇن ياشلار  ئىختىيارى ھالدا، ھەر كىم قولىدىن كېلىشىچە تارقىتش ئىشلىرىدا ئاكتىپ  ياردەم قىلغان ،ماشىنىسى بارلار ياردەمنى ئىتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزگەن .

 

   بۇ ھەقتە ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەقپىدىن دوكتۇر ئۆمەر قۇل تەپسىلى مەلۇمات بەردى:  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىگىدە كىرىز ياردەم مەركىزى قۇرۇلدى، بىز تۈركىيەدە رامىزانلىق ياردەم بولىقى ۋە يېمەكلىك ،تازىلىق ماتېرياللىرى ،دېزىنفېكسىيە ئەشيالىرىنى تەييارلىدۇق. بىر گۇرۇپپا تۈركىيەنىڭ ھەر تەرىپىدە ياردەمگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزنى تىزىملاش ۋە ياردەمنى يەتكۈزۈشكە ماڭدى. يەنە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار ئەڭ جىق ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغا ماڭدى.

 

ھازىرغىچە  بىز 50 ئائىلە تۈركمەن ،50 ئائىلە قازاق،50 ئائىلە ئۆزبەك،ئافغان،50 ئائىلە تۈركىيە پۇقراسى ، ۋە 350 ئۇيغۇرغا رامىزانلىق  ياردەم بولىقى تارقاتتۇق.40 مىڭ لىرا قىممىتىدە ماركېتنىڭ سېتىۋېلىش كارتى تارقىتىلدى،زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆيدە 100  ئائىلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمزغا  جىددى  ئېھتىياجلىق بولغان بوۋاقلار ئۈچۈن زاكا ۋە باشقا ياردەملەر يەتكۈزۈلدى،150 ئائىلىگە  300 لىرادىن 500 لىراغىچە ئۆي ئىجارىسى ياردىمى يەتكۈزۈلدى،90  ئائىلىگە ئاشلىق ،ياغ ،ياردەملىرى يەتكۈزۈلدى،60 ئائىلىگە گۆش ياردىمى يەتكۈزۈلدى،بۇنىڭدىن باشقا 120 ئائىلىگە» ئىخاخا » بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا نەق پۇل ياردىمى يەتكۈزۈلدى، تۈرك قېرىنداشلارنىڭ قىلغان ياردىمىدىن 8500  لىرا نەق پۇل تارقىتىلدى،30   ئوقۇغۇچىغا 6000  لىرا ئوقۇش ياردىمى يەتكۈزۈلدى، بىر كارخانىچى قېرىندىشىمىزنىڭ ياردىمىنى ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە يولدىشى ياكى باقىدىغان ئادىمى يوق 60 ئائىلىگە سېتىۋېلىش كارتىغا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىپ بېرىلدى،» ياخشىلىق ۋاقتى» ۋەقپى تەرىپىدىن قىلىنغان3000  لىرا ئېھتىياجى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزۈلدى، ۋە بۇ ياردەم سەۋەبىدە ئۆز ئالدىغا ئىش قۇرغان، ھېچكىمى يوق، بىر ئۇيغۇر قىزىغا كېرەكلىك ماشىنىلار ۋە سايمانلار سېتىۋېلىنىپ يەتكۈزۈلدى.

 

  تۈرك مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن قىلىنغان 150 يېشىك ياردەم بولىقىمۇ ئېھتىياج ساھىبى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىگىچە يەتكۈزۈلدى.

 

      دوكتۇر ئۆمەر قۇل ئاخىرىدا  بۇ ئىشتا كۈچ چىقارغان ھەممەيلەنگە رەھمەتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ،بۇنىڭدىن باشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەۋەتكەن 60 مىڭ لىرا نەق پۇلنى جىددىي ئېھتىياجى بار 120 ئائىلىگە تارقاتتۇق.

 

بۇ ياردەملىرىمىز ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ غۇربەت چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  دەردىگە ئازراق بولسىمۇ دەرمان بولسا ،بىز ئۈچۈن شۇنداقلا ياردەم قىلغانلار ئۈچۈن ، قىلغان ياردەمىنىڭ يېرىگە ئۇلاشقىنى بىر  خوشاللىنارلىق ئىش.  شۇنداقلا بۇ ھەممىمىزنىڭ دىنى ۋە ۋىجدانى بۇرچىمىزدۇر.

 

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ئۈچۈن بۇ ياردەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ئۈيىگىچە يەتكۈزۈلدى. كىرىز مەزگىلىدە تەشكىلات تېشىدا نۇرغۇن ياشلار پىدائى بولۇپ قول-قولغا ياردەم تارقىتىش ۋە ئۇيغۇر توپلۇمۇ ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەر كىم قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقاردى.  ۋە بۇ مىللەتتىكى ھەمكارلىق روھىنى كۆرسەتتى دىدې.

 

 

 

 

  بۇ ھەقتە ياشلار تەشكىلاتىدىن ئىلخان تۇرانلى شۇنداق دەيدۇ: كىرىز ياردەم مەركىزىنىڭ چىقارغان چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان ئەڭ تەسىرلىك بىر مەنزىرە بولسا ، ۋېلىسپىت سېتىۋېلىش ئۈچۈن قۇتىدا پۇل يىغىۋاتقان بىر بالىنىڭ يىللاردىن بېرى  يىغققان  پۇلىنى شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا ياردەم ئۈچۈن ئەكەلدى.  ۋە بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن بىر ياردەمسۆيەر كىشى بۇ بالىنىڭ ۋېلىسپىت سېتىۋېلىش ئارزۇسىنىمۇ رېئاللىققا ئايلاندۇردى دىدې .

 

 

بۇ ھەقتە باشقا تەشكىلاتلار بىلەنمۇ ئايرىم سوھبەت قىلىنىپ ئېنىق سان سىپىرلار بىلەن داۋامىنى ئېلان قىلىمىز.

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ئۆمەر دۆنگەلئوغلى ۋاپات بولدى

دۈ ماي 4 , 2020
ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى بۈگۈن بىر ھەقىقىي كۆڭۈلدىشى ۋە دوستىدىن ئايرىلدى. شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي قىرغىنچىلىقىنى ۋەز-نەسىھەتلىرىدە دائىم تىلغا ئالىدىغان، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا قىلىدىغان ئۇستاز ئۆمەر دۆنگەلئوغلى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك ئالەمدىن ئۆتتى.

You May Like