ئۇيغۇرچە كىنو «تۇنجى ئايرىلىش» بېرلىندا ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئۇيغۇرچە فىلىم «تۇنجى ئايرىلىش» بېرلىن 69- قېتىملىق خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى بالىلار فىلىمى» بولۇپ باھالاندى. بۇ فىلىمدە ئەيسا ھەسەن ئىسىملىك بالا مىيىپ ئانىسى بىلەن بىرگە ياشايدىغان بولۇپ، ئۇ ئانىسىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.

خەۋەر تەييارلىغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-2-18

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئۇيغۇرچە فىلىم «تۇنجى ئايرىلىش» بېرلىن 69- قېتىملىق خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى بالىلار فىلىمى» بولۇپ باھالاندى. بۇ فىلىمدە ئەيسا ھەسەن ئىسىملىك بالا مىيىپ ئانىسى بىلەن بىرگە ياشايدىغان بولۇپ، ئۇ ئانىسىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ساۋاقدىشى قەلبىنۇر بەك ئاقكۆڭۈل قىز، ئەمما ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى شەھەرگە كۆچۈپ بىرىپ قىزىنى خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇتماقچى بولىدۇ. ئەيسانىڭ ئانىسىنىمۇ يۇرتتىكىلەر مەخسۇس ساناتورىيىگە ئاپىرىپ بەرمەكچى بولىدۇ. ئەيسا مەكتەپتە «تۇنجى ئايرىلىش» دەپ بىر ھېكايە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ گەرچە ھىكايىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسىمۇ، ئۇنى ھەقىقىي ھېس قىلىش ئالدىدا تۇراتتى…

بۇ كىنونى ۋاڭ لىنا ئىسىملىك خىتاي رىجىسور ئىشلىگەن بولۇپ، 2018-يىلى ئۆكتەبىردە  تۇنجى قويۇلغان ۋە  ياپونىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا   ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ھوللىۋود مۇخبىرى تور بىكىتى:« بۇ كىنو  مەزلۇم ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئىشلەنگەن» دەپ سۈپەتلىگەن ۋە ۋەتىنىمىزدىكى لاگېرلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:
https://www.hollywoodreporter.com/news/berlin-film-festival-a-first-farewell-wins-generation-kplus-award-1187549
https://m.imdb.com/title/tt8779020/

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

سەئۇدى ۋەلىئەھدىسى ختتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى جازا لاگىرلىرىنى ئاقلىدى.

جۈ فېۋرال 22 , 2019
ەئۇدى تەشۋىقات مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد سالمان خىتايدىكى زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت، تىجارەت ساھەسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى مەكتەپلەردە خىتايچە ئۆگىنىشنى مۇھىم پىلان قاتارىغا كىرگۈزگەن.

You May Like