ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى ئوساكا يىغىنى غەلبىلىك تاماملاندى

ئەردەم ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى 24-26- ئىيۇن كۈنلىرى ئوساكا شەھرى R&B مىھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. 25-ئىيۇن، ئوساكا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى بىر سائەت داۋاملاشتى

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى ئوساكا يىغىنى غەلبىلىك تاماملاندى. ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى 2019-06-29 تەييارلىغۇچى: ئەردەم ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى 24-26- ئىيۇن كۈنلىرى ئوساكا  شەھرى R&B مىھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. 25-ئىيۇن، ئوساكا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى بىر سائەت داۋاملاشتى. بۇئاخبارات قىېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان تەتقىقاتچىلاردىن جورجتاۋۇن ئۇنىۋىرسىتىنىڭ پىروففىسورى جەيمىس مىليارد، ئەنگىلىيەدىن كەلگەن مۇتەخەسىس رەيھان ۋە شۇنداقلا ياپونىيەلىك مۇتەخەسىس سەيجىن ئىشخارا، تۈركىيەلىك پىراففىسور مۇرات يىگىت قاتارلىق مۇتەخەسىسلەر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى نامىدىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يېغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۇمەنى ۋەكىللىرىدىن ھاجى قۇتلۇق قادىرى ۋە مەمتىمىن ئەلادىن ئىگەللىشمىزچە، مۇخبىرلار ئاساسلىقى زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى، ئەزالارنىڭ خاراكتىرى ۋە ئۇلارنىڭ رولى، زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ خىزمەت نىشانى ۋە مەقسىتى، شۇنداقلا ھازىرغىچە ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، G20 مەزگىلىدە يىغىن ئىچىشىنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق توختىلىپ ئۆتتى، بۇلارغا مۇتەخەسىسلەر ئەتراپلىق جاۋاب بەردى. ئىچىلغان بۇ قىتىملىق يىغىن G20 قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى مەسىلىسى ۋە ئۇلارنى تىزدىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا 20 دۆلەت كاتتىۋاشلىرىغا بىسىم چۈشۈرۈش، شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرىنى 20G يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىشقا چاقىرىق ئىلان قىلدى. مۇخبىرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى بىر نەچچە سۇئاللارنى سورىدى، شاۋن روبىت، جەيمىس مىليارد، رەيھان، سەيجىن ئىشخارا، مۇرات قاتارلىق مۇتەخەسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتى توغرىسىدا ئىلىپ بىرىۋاتقان تەتقىقاتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. زىيالىيلار ئەنجۈمەنى كۈن تەرتىپى بويىچە، 26- ئىيۇن يىغىن ئوساكادىكى ئالىي مەكتەپ كونفىرەنىس زالىدا ئ‍ۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا ئەنگىلىيە، ئامرىكا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەرقايسى ئۇنىۋىرستلارنىڭ پىروففىسورلىرى لاگىر مەسىلىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىقىنقى ۋەزىيىتى ۋە تارىخى مەسىلىلەر بەزى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. شۇنداقلا ياپونىيەلىك سەيجىن ئىشخارا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ يازغان ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇدى. 26- ئىيۇندىكى يىغىنغا كوبى، ئوساكا، كىيوتو ئەتراپىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، پىروففىسورلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسىي، ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشتى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىندا تۈركىيە چاناق قەلئە ئۇنىۋىرسىتى تەرەپ بىلەن ئامرىكا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇتەخەسىسلەر بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا سۆھبەت قىلىندى. يىغىن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىلىپ بىرىلدى ۋە يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىر مەسىلىسى توغرىسىدا نۇرغۇن سۇئاللارنى سوراپ ئۆتتى، يىغىن ئەسلىدە چۈشتىن كىيىن سائەت ئالتە بىلەن ئاياغلىشىشى كىرەك بولسىمۇ، لاگىر مەسىلىسى ئالاھىدە دىققەت تارتقاچ سائەت سەككىزگە قەدەر داۋاملاشتى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئۇلۇس ماجىراسى ھەققىدىكى قاراشلىرىم :مۇرات ئاتامان

دۈ ئىيۇل 1 , 2019
بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىتى تارىخ بېتىدىن، ئىنسانىيەت لۇغىتىدىن پاك-پاكىزە ئۆچۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ھايات-ماماتلىق بىر ۋەزىيەتتە، بىزنىڭ بۇ ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلىرىمىز، ئىنقىلاچىلىرىمىز ئۆز مەۋجۇدىيتىمىزنى قانداق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە باش قاتۇرماستىن ئەكسىچە ئاللىبۇرۇن ئېنىق بولۇپ بولغان كىملىكىمىز ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشى بىزنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى ھەم ئۈمۈدسزلەندۈردى . يېقىنقى كۈنلەردە تالاش-تارتىشقا سەۋەپ بولۇۋاتقان بۇ ئۇلۇس تېمىسى ئادەمنى بەكلا سەسكەندۈرۈش دەرىجەسىگە بېرىپ يەتتى. ئادەمنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغنى بولسا بۇ تېمىلاردە كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە تالىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر

You May Like