ئۇيغۇر سياسى پائالىيەتچىلىرى جىنسى پاراكەندىچىلىك بىلەن ئەيىپلەنگەن خەۋەر ئىلان قىلىندى

11-ماي

ئامېرىكىدا چېقىدىغان خەۋەر تور بېكتى نوتوس 10-ماي كۈنى «كىشلىك ھوقۇق دۇنياسنىڭ جىنسى پاراكەندىچىلىك مەسلىسى بار»ناملىق تەكشۈرۈش ماقالىسى ئىلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئ‍سا ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەل ھەققىدە ئىككى ئايال ئوتتۇرىغا قويغان جىنسى پاراكەندىچىلىك ئەيىپلەشلىرىنى خەۋەر قىلغان.

مەزكۇر خەۋەردە دىيلىشچە، ختايغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ياكى خادىملىرى ھەققىدە جىنسى پاراكەندىچىلىك ئەيىپلەشلىرى كۆپلەپ ئىلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەنەس كانتىر، ۋاڭ دەن، ناتھان قاتارلىقلارغا قارىتىلغان بىر قسم ئەيىپلەشلەر ھەققىدە قسقىغىنا توختالغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان. 

مەزكۇر تور بېكەتكە بەرگەن زىيارەتتە،  بىلگىيەدە تۇرۇشلۇق 22 ياشلىق تۈرك قىز ئ‍ەسما گۈن  (Esma Gun ) ئۆزىنىڭ دولقۇن ئەيسادىن تاپشۇرۇپ ئالغان قسقا ئۇچۇرنىڭ ئىكرانغا تارتىلغان سۈرىتىنى مەزكۇر مۇخبىرغا كۆرسەتكەن.

2021-يىلى ئەۋەتىلگەن بۇ قسقا ئۇچۇردا، دولقۇن ئەيسا «مىنىڭ سزنى سۆيگۈم بار»دىگەن ئۇچۇرنى ئەۋەتكەن.

يەنە بىر ئەيىپلىگۈچى ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىزمەتچىسى ئامېرىكىلىق ئايال جۇلىيا مسلەپ بولۇپ، ئۇ زىيارەتتە ئۆزىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ھەيئەت مۇدىرى نۇرى تۈركەل بىلەن 2021-يىلى 5-ئايدىن 2022-يىلى 9-ئايغىچە «رازىلىقىمىز بىلەن جىنسى مۇناسۋەتتە بولدۇق» دەپ سۆزلىگەن.

مەزكۇر خەۋەر ئىلان قىلىنىشى بىلەن سوسيال مېدىيادا مەزكۇر ئىككى سياسى پائالىيەتچى ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى تەشكىلاتقا بولغان تەنقىدى ۋە تەكلىپ پىكىرلىرى كۆپلەپ تارقالدى.

بىر قسم كىشلەر بۇلارنى ئەيىپلىگەن ۋە ئۇلارنى ئ‍ستىپا بىرىشكە چاقىرغان بولسا، بىر قسم تەشكىلاتلار مەزكۇر ئىككى تەشكىلاتنى جىددى ئ‍سلاھات قىلىشقا چاقىردى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاينىڭ ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى زەربىدارلار ئەترىتى»نىڭ ھەيۋە كۆرستىش مەشق تۈرلىرى ئاشكارىلاندى

دۈ ماي 13 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 13-ماي  يېقىندا ختاي خەلق تورى ئىلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ختاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى «يىلپىز» زەربىدارلار چوڭ ئەترىتى يېڭى ئەترەت ئەزالىرىغا يەڭ بەلگىسى بېرىپ، ئېلىشىش، ئارغامچىغا يامىشىپ چۈشۈش، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى بۇلاشقا قارشى تۇرۇش، تاغدا يوقىتىش، سۇ ئاستىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتەك كۆپ […]
ختاي زوراۋانلىرى

You May Like