ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ ئۇيغۇر كۆچمەنلەر سياستى ھەققىدىكى تۇنجى باياناتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ ئۇيغۇر كۆچمەنلەر سياستى ھەققىدىكى تۇنجى باياناتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-30

 

تۈركىيە -پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى، ئۇيغۇرلار -ئۆزى تۈرك ،تۈرككە ئۆچمەنلىك قىلىش -ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قىلىشتۇر ؛ ئۇيغۇرلار تۈرك خەلقنىڭ جانىجان بىر قېرىندىشى بولۇش سۇپىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن بارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۇچۇن ھەق مەيداندا تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنداقلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئۇچۇن كۆرسەتكەن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، ئۇيغۇر مىللىتى تارىخى كىرزىس ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسان ھوقۇق ئورگانلىرى، غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر، ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار، ھەققانىيەتچى ئىنسانلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەخپى قىرغىنچىلىق ۋە ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە تەقدىرىگە ئېچىنماقتا، پىكىر بايان قىلماقتا، تەكشۈرۈش ئىلىپ بارماقتا، ختتاي ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىك بېسىم چۈشۈرمەكتە ؛ ئەمما ختاينىڭ مەقسىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇشمەن سۈپىتىدە يوقىتىشتىن ئىبارەت ؛ قوللانغان ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ ۋە مەخپى بولۇپ، تەشۋىقات ۋە دىپلوماتىيە ۋاستىسى، ئىقتىسادى قورالدىن پايدىلىنىپ، ئاجىز، غەيرى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يوللۇق كۆرسەتمەكچى !

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىختىن بىرى -ئىنسانپەرۋەرلىك ،ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئاۋازى بولۇپ كەلگەن، بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر قانداق ئۇيغۇرنى ختتايغا ئۆتكۈزۇپ بەرمەيدىغان ئاشكارا سىياسىتىنى قوللايمىز ھەم ھەر قانداق ئۇيغۇرنى ختتاي  ياكى ختاينىڭ قورچاق دۆلەتلىرىگە ئۆتكۈزۇپ بېرىشنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز  !

ئۇيغۇرلار -تۈركتۇر، تۈركىيە-ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋەتىنىدۇر، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تولۇق ،ئاشكارا ھالدا ئىگە چېقىشنى ئۈمىد قىلىمىز !

 

–ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەسئۇلى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇم سىياسىتىنى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 50 كە يەتتى

سە ئىيۇل 30 , 2019
تەييارلىغۇچى: كۆكئالىپ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2019-07-30   يەنە 13 دۆلەت خىتتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈرگىزىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 22 غەرب دۆلىتى خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلەپ بىرلىكتە ب د ت غا مەكتۇپ يوللىغاندىن بېرى، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى قوللاپ خىتتاي تەرەپتە تۇرغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 50 كە يەتتى. […]

You May Like