تۋىتتېر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى «بالا تۇغۇش ماشىنىسى» دەپ ھاقارەت قىلغان يازمىسىنى ئۆچۈردى.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى تۋىتتېردا خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ «رادىكاللىقنى يوقىتىش – شىنجاڭدىكى ئاياللارغا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بەردى» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى تارقاتقان بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر ئۇلانما ئۈستىگە «تەتقىقات شۇنى كۆرسەتتىكى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كاللىسى ئازات قىلىندى

تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 2021- يىلى 8- يانۋار

 

خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى تۋىتتېردا خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ «رادىكاللىقنى يوقىتىش – شىنجاڭدىكى ئاياللارغا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بەردى» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى تارقاتقان بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر ئۇلانما ئۈستىگە «تەتقىقات شۇنى كۆرسەتتىكى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كاللىسى ئازات قىلىندى، جىنسىي باراۋەرلىك ۋە تۇغۇت بىخەتەرلىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەمدى بالا تۇغۇت ماشىنىسى ئەمەس، ئۇلار تېخىمۇ مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدۇ.» دەپ يازغان بولۇپ، بۇ كەڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە غەرب تەنقىدچىلىرىنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. ئامېرىكا تاشقى ئ‍ىشلار مىنىستىرلىكى تۋىتتېردا بۇنىڭغا رەددىيە قايتۇردى. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زىنز: «ئۇيغۇر رايونىدا تۇغۇت يېشىدىكى بارلىق ئاياللارنىڭ 34 پىرسەنتى تۇغماس قىلىۋىتىلگەن. بۇ سىلەرنىڭ ھۆججىتىڭلاردا دېيىلگەن.» دەپ بۇ ھەقتىكى پاكىتلارنى كۆرسەتكەن.

 

كۆپلەپ شىكايەتلەردىن كېيىن، تۋىتتېر بۇ يازمىنى «بەلگىلىمىگە خىلاپ» دەپ ئۆچۈرۋەتكەن.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ماركس ۋە سپەنسر شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ھەرىكىتىگە ئ‍اۋاز قوشتى.

سە يانۋار 12 , 2021
ئەنگىلىيە رادىئو شركتى ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6- دېكابىر ئەنگىلىينىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك سېتىش شىركىتى ماركس ۋە سپەنسىر ئۆزىنىڭ ئ‍ۇيغۇر دىيارىدا ئ‍شلەنگەن ھەر قانداق پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئ‍ىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان

You May Like