تۈركىيەدە، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا 12-نويابىر كۈنى كەچ ، ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنىدىكى قارا دىڭىز يىغىن زالىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىقبال

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا 12-نويابىر كۈنى كەچ ، ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنىدىكى قارا دىڭىز يىغىن زالىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى ھەرقايسى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار ىرەھبەرلىرى، سىياسى ساھەدە پائال خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ،سىياسى ئاۋانگارىتلار، شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى قوللايدىغان تۈرك قىرىنداشلار ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت ياش قارى مۇھەممەت سالىھنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقى تۈركىستان ۋە تۈركىيە ئىستىقلال مارشىلىرى ئورۇندالدى.

پائالىيەتنىڭ ئىچىلىش سۆزىگە تەكلىپ قىلىنغان ، شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى رەئىسى ھىدايتۇللاھ ئوغۇزخان قىسقا بىر ئىچىلىش سۆزى قىلغاندىن كىيىن ، 1933-يىلى 12-نويابىر ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان ئىككى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئارقىدىن شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتى ئىغىر ۋەزىيتى توغرىسىدا تەپسىلى توختالدى . ئوغۇزخاننىڭ سۆزىدىن كىيىن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى.

پائالىيەت كۈتەرتىپى بويىچە سۆزگە چىققان ، تۈركىيە قەھرىمان ماراش سۈتچى ئىمام ئۇنۋىرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوتىسنىت دوكتۇر ئالمىجان بۇغدا 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۈركستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچى، جەريانى ،قۇرلىشى ، يىقىلىشى، يىقىلىش سەۋەبى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئارقىدىن تۈركىيەدىكى داڭلىق دەۋەتچىلەردىن ئىھسان شەنئوجاق سەھنىگە چىقپ تەبرىك سۆزى قىلدى ۋە بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنى ئۈمىدۋار بولۇشقا، مىللى ، دىننى ئەنئەنىسىدىن ۋاز كەچمەسلىككە، داۋانىڭ مۇشەققەتلىك، ئىغىر سىناقلىرىدا سەبىر تاقەتىلىك بولۇشقا چاقىردى.

ئارقىدىن ئەنقەرە ۋەلى بايرام ئۇنىۋىرسىتى ، خەلىقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى، پىرۇفىسسۇر، دوكتۇر ئابدۇرىشىت جەلىل قارلۇق، ئۇيغۇر ئىلىم مەدەنىيەت ۋەقپى رەئىسى ئابدۇلئەھەت ئۇچقۇن ، فارابى ئىلىم مەەنىيەت ۋەقپى مۇئاۋىن رەئىسى ، دوكتۇر مۇھەممەتئەلى ئەلىئوغلۇ ، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بىشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تە تەرەققىيات پارتىيسى سابىق پارلامىنت ئەزاسى، يىڭى 100يىل ئۇنىۋىرستىتى قانۇن فاكۇلتىتى مۇدىرى، پىروفېسسور دوكتۇر جەلال ئەرباي ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى. تەبرىك سۆزلىرى ۋە مەلۇمات بەرگۈچىلەرگە يانداش ھالدا ، ئارلاپ ئارلاپ سەھنىگە تەكلىپ قىلىنغان تاڭنۇرى تەلىم تەربىيە مەركىزى ۋە ساپاكۆي قۇرئان كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى سالۇن كەيپىياتىنى تىخىمۇ جانلاندۇردى. پائالىيەت ئىزچىل جانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئىلىپ بىرىلدى.

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئاياللارنىڭ تۆھپىسى، رولى ۋە ئورنى

دۈ نويابىر 12 , 2018
بۇ ئەسەرنى تارىختىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە بارلىق ھۆرلۈك كۈرەشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلغان ھەم ھازىرمۇ جازا لاگېرلىرىدا ھۆرلۈككە تەلپۈنىۋاتقان مىليونلىغان خانىم-قىزلارغا بېغىشلايمەن.

You May Like