تۈركىيە سوتى:«شەرقى تۈركستاندا زۇلۇم يوق، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشقا بولىدۇ»

مەنبەسى: قارا گېزىتى

ئۇيغۇرچىغا تەييارلىغۇچى: تۇرسۇنئاي

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 13-مارت

ختاي زۇلۇمىدىن قېچىپ كەلگەن ئىككى ئۇيغۇر تۈركىنى بېيجىڭغا قايتۇرۇپ بېرىش قارار قىلىندى، بۇنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە «ئۇلار ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلغان تەقدىردە زۇلۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر ئېغىر ۋە كونكرېت ماتېرىياللىق دەلىللەر يوق» دېيىلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەكىلى بولغان ئادۋوكات بۇ قارارنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە مۇراجىئەت قىلدى، چۈنكى بۇ قارار ھۆكۈمەتنىڭ «ختايغا قايتۇرۇپ بېرىش سياسىتى يوق ۋە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ۋەدىسىگە ۋە خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە زىت.

ئىستانبۇلدىكى 16- ۋە 18-ئىدارىي مەھكىمىلەر چين زۇلۇمىدىن قېچىپ كەلگەن ئىككى ئۇيغۇر تۈركىنى ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە ئەمەس، بىۋاسىتە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇش كېرەك دەپ ھۆكۈم چىقاردى. بۇ قايتۇرۇپ بېرىش قارارى «ئۇلار زۇلۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر كونكرېت ماتېرىياللىق دەلىللەر يوق» دېگەن سەۋەبكە ئاساسەن بېكىتىلدى.

بۇ قارارنىڭ بۇنىڭدىن كىين قوللىنىدىغان ئەندىزە مىسال بولۇش جەھەتتىن مۇھىملىقى تەكىتلەندى، ئەمما ئۇ خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ۋە تۈركىيەنىڭ ۋەدىلىرىگە زىت ئىكەنلىكى ئېيتىلماقتا.

تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە قايتۇرۇش قارارى

ئىستانبۇلدىكى 16- ۋە 18-ئىدارىي مەھكىمىلەر چين زۇلۇمىدىن قېچىپ بىزگە پاناھلىققا كەلگەن ئىككى ئۇيغۇر تۈركىگە چىقارغان قارارى بىلەن ھەيران قالدۇردى. مەھكىمە تۇنجى قېتىم بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئىلگىرى ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىپ كەلگەن قايتۇرۇش ئادىتىدىن ھالقىپ، بىۋاسىتە ختايغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە «ئۇلار ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلغان تەقدىردە زۇلۇمغا ئۇچرايدىغانلىقى ياكى ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىغا دائىر ئېغىر ۋە كونكرېت ماتېرىياللىق دەلىللەر يوق» دېيىلدى. ئانايېت ۋە ئابدۇۋەيلىنىڭ ئادۋوكاتلىرى بۇ قايتۇرۇش قارارىنىڭ ئەرز قىلىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ختايدا زۇلۇم ۋە باستۇرۇش بار

ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلۇمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا بىرلىكى، خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار تەرىپىدىن تىلغا ئېلىندى. 2022-يىلى تۈركىيە قاتارلىق 43 دۆلەت ئىمزا قويغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتىدا «قىيىن-قىستاق، غەيرىي ئىنسانىي ۋە ھاقارەتلىك مۇئامىلە ۋە جىنسىي زوراۋانلىق» تىلغا ئېلىنىپ، «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر نىشان قىلىنغان» دېيىلدى. شەرقىي تۈركىستاندا ختاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان نۇرغۇن كىشىلەردىن قايتا خەۋەر ئېلىنمىدى.

ئاساسىي قانۇن « مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ:

ئەرزدە، 6458-نومۇرلۇق قانۇننىڭ 4-ماددىسىدا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ چەكلىنىشى ۋە 55-ماددىسىدا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىغا دۇچ كەلمەيدىغانلار ھەققىدە، كېلىپ چىققان دۆلەت تىلغا ئېلىنماستىن قايتۇرۇش قارارى چىقىرىلمايدىغانلىقى تەكىتلەندى. قانۇندا مۇنداق دېيىلگەن: «ھېچكىم قىيىن-قىستاق، غەيرىي ئىنسانىي ياكى ھاقارەتلىك جازا ياكى مۇئامىلەگە ئۇچرايدىغان، ياكى ئىرقى، دىنى، مىللىتى، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپىغا مەنسۇپلىقى ياكى سىياسىي ئىدىيەلىرى سەۋەبىدىن ھاياتى ياكى ئەركىنلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان جايغا يوللانمايدۇ. قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسى، قىيىن-قىستاق، غەيرىي ئىنسانىي ياكى ھاقارەتلىك جازا ياكى مۇئامىلەگە ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر ئېغىر دەلىللەر بولغان چەتئەللىك ھەققىدە قايتۇرۇش قارارى چىقىرىلمايدۇ.» ئادۋوكات تىكىچ بۇ ھەقتە چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىلىشى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم:

ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قىزىقىدىغان پائالىيەتچى بۇرھان كاۋۇنجۇ بۇنىڭغا قارشى جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇنداق بىر قارارنى دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتىمەن. خەۋپسىزلىك ۋە كۆچمەنلەر باشقۇرۇش ئىدارىسى پات-پات ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەت قىلىدۇ، لېكىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە بۇنداق قارار چىقىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ‘ختايدا ئۆلۈم خەۋپى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىل يوق’ دېگەن بايانلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ پارلامېنتلىرىدا ختاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا قارارلار قوبۇل قىلدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۇرغۇن قېتىم ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلاندى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەنلىك، كىشىلەرنى پەقەت ئىرقىغا قاراپ، ھېچقانداق جىنايەت ياكى شەخسكە قارىماي قىيناش، تۈرمىگە سېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش دېمەكتۇر.»

مەھكىمە تەكشۈرۈلۈشى كېرەك:

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ختاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر نۇرغۇن ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويغانلىقىنى كۆرسىتىپ، كاۋۇنجۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنى ماقۇللىمىدى، لېكىن ختاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئېلان قىلىنغان باياناتلارغا ئىمزا قويدى. شۇڭا بۇ ۋەزىيەت ئەنقەرەنىڭ ن رەسمىي قارارلىرىغا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ‘قېرىنداشلىرىمىز قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتىدۇ’ دېگەن باياناتلىرىغا زىت كېلىدۇ. ئىدارىي مەھكىمە تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارار بولۇشى ۋە ئەرز-شىكايەت يولىنىڭ يېپىق بولۇشى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدۇ. يېقىندا 50 گە يېقىن دۆلەت ختايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئېلان قىلىنغان باياناتلارغا ئىمزا قويدى. تۈركىيە 2024-يىلى بۇ باياناتنىڭ ئىمزا قويغۇچىلىرىدىن بىرى بولدى. بۇلارغا قارىماي، ‘ختايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بارلىقىغا دائىر كونكرېت دەلىل يوق’ دېگەن مەھكىمىگە قارىتىپ، ئادالەت مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش باشلىشى كېرەك.»

مىڭلىغان لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاقلار

75 يىلدىن بېرى ختاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى دىنى، تىلى ۋە مەدەنىيىتى سەۋەبىدىن غەيرىي ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. 2022-يىلى تۈركىيە قاتارلىق 43 دۆلەت ئىمزا قويغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتىدا، «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر نىشان قىلىنىۋاتىدۇ» دېيىلىپ، «قىيىن-قىستاق، غەيرىي ئىنسانىي ۋە ھاقارەتلىك مۇئامىلە، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە بالىلارنى مەجبۇرىي ئايرىش» قاتارلىق ئەمەلىيەتلەر تىلغا ئېلىندى. رەسمىي ئاتېئىست بولغان ختاي 2017-يىلى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ۋە يوقىتىش نىزامنامىسى» دېگەن قانۇننى يولغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىن ئەركىنلىكىنى تارتىۋالدى. دۆلەت 5 مىليون تۈركنى تۈرمە لاگېرلىرىدا ھەقسىز قۇللۇقتا ئىشلەشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئېنىق سانى مەلۇم بولمىسىمۇ، تەخمىنەن 1200 تۈرمە لاگېرى بار دېيىلىدۇ. IHH تەييارلىغان ئىنسان ھوقۇقى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ختاي زۇلۇمى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 35 مىليون ئۇيغۇر تۈركى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

uyghurtimesuyghur

One thought on “تۈركىيە سوتى:«شەرقى تۈركستاندا زۇلۇم يوق، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشقا بولىدۇ»

  1. ھەرگىز قايتۇرۇشقا بولمايدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئالدانمىسۇن. ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغاندىن كۆرە مۇشۇيەردىلا ئېتىۋەتسۇن .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا چېگرا كىلىشمى ئىمزالاندى

پە مارت 13 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 13-مارت مەنبەسى: ئامېرىكا ئاۋازى ب د ت باش كاتىپى ئانتوونىيو گۇتېررىش قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان دۆلەت چېگراسى ھەققىدىكى شەرتنامىنى «تارىخىي بۆسۈش» دەپ مەدھىيەلمەكتە. ئىككى دۆلەت چېگراسىدا 2021-يىلى تاقالغان «قىزىل-بەل» ۋە «قايراغاچ» كونترول-ئۆتكۈزۈش پونكىتلىرى قايتا ئېچىلىدۇ. 14-مارتتىن باشلاپ بىشكەكتىن دۇشەنبە ۋە خوجەندكە ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇلىدۇ. گۇتېررىس تەبرىك […]
قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا چېگرا كىلىشمى ئىمزالاندى

You May Like