تۈركىيە پرېزدېنتى ئەردوغان ئامېرىكىدىكى بىر پائالىيەتتە ئۇيغۇر ياشنىڭ قىيىن سۇئالىغا دۇچ كەلدى

نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان 74- نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن تۈركىيە پرېزدېنتى رەجەپ تەييىپ ئەردوغان، 2019-يىلى 21-سېنتەبىر تۈركەن فوندىنىڭ (TURKEN Foundation USA) پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-09-23

 

نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان 74- نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن تۈركىيە پرېزدېنتى رەجەپ تەييىپ ئەردوغان، 2019-يىلى 21-سېنتەبىر تۈركەن فوندىنىڭ (TURKEN Foundation USA) پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. 

بۇ پائالىيەتنىڭ سۇئال-جاۋاب قىسمىدا، ئەردوغان ئۇيغۇر ياش ئوغۇز ئەنۋەرنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەققىدىكى قىيىن سۇئالىغا دۇچ كەلدى. ئوغۇز ئەنۋەر ئاۋۋال ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ۋە ئەردوغاننىڭ بۇنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركلەرنىڭ خىتاي جازا لاگىرلىرىدا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۆز كىملىكلىرىدىن، دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر قىزلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، ئاتا – ئانىسى تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ بولسا ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتاي قىلىپ تەربىيلەش نىشانلانغان بالىلار لاگىرىغا قاماۋاتقانلىقىنى ياكى خىتايلارغا بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئېنىقلا مەدەنىيەت ۋە فىزىكىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئەردوغاننىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى ۋە خىتايغا قارشى كۈچلۈك گەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىز شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك قېرىنداشلىرىڭىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىسىز؟» دەپ سورىدى.

ئەردوغان بۇ سۇئالغا جاۋابەن مونۇلارنى بىلدۈردى:« تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرىزدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەرھالدا ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كەلگەنلەر ھەققىدە خەۋىرىڭىز يوق ئوخشايدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كەلگەن مىڭلارچە قېرىندىشىمىز بار. بىز بۇلارغا داۋاملىق ئىشىكىمىزنى ئاچتۇق ۋە قولىمىزدىن كەلگەن ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلدۇق. شۇنداقلا ھازىرغىچە خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈشلىرىمىزدىمۇ بۇ مەسىلە كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. مەن ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتە نېمە قىلغانلىقى ھەققىدە توختالمايمەن، ئەمما ئامېرىكا بولۇپمۇ ب د ت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلىدە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ پەرقلىق بىر شەكىلدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلەلايدۇ ۋە بۇ سۈپەت بىلەن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بولسا، تېخىمۇ تىز نەتىجە ئېلىش مۇمكىن بولاتتى دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە خىتاينىڭ بۇ ھەقتە بىزگە بەزى تەكلىپلىرىمۇ بار. ھەيئەتلەر ئەۋەتىۋاتىدۇ ۋە بىزگە ھەيئەت ئەۋەتىڭلار، سۆزلىنىۋاتقان ئىشلارنى نەق مەيداندا كۆرسۈن دەۋاتىدۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمىزمۇ بۇ ھەقتە تەييارلىقلىرىنى قىلىۋاتىدۇ، شۇنى ئارزۇ قىلىمەنكى، بۇ تەييارلىقلار بىلەن ئۇ يەرگە بارىدىغان ھەيئەتنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن چىققان نەتىجىگە كۆرە تۇتىدىغان پوزىتسىيەمىزنى تېخىمۇ ئېنىق ۋە ئوچۇق شەكىلدە بىلدۈرىمىز.»

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئەنگىلىيە گاردىيان گېزىتىدە، تاھىر ئىمىن ب د ت باش كاتىبى گاتتىرنى خىتتاينىڭ ئۇيغۇر سياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

چا سېنتەبىر 25 , 2019
ماقالىدە نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقى ، ئۆتكەن يىلى ب د ت دا ئۇيغۇر ۋەزىيتى تونۇشتۇرۇلۇپ، بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قامالغانلىقى تىلغا ئىلىنغاندىن كىيىن ھازىرغىچە ۋەزىيەت شۇنچە يامانلاشسمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبى گاتتىرنىڭ خىتتايغا ئاشكارا قارشى تۇرمىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

You May Like