تۈركىيە ئىبىن خالدۇن ئۇنۋرستىتىدا شەرقىي تۈركستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچلىدى

ئو سۆزىدە ئۆزىنىڭ قازاقىستان پۇقراسى بولغان بولسىمۇ خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرنداشلىرىمىزنىڭ نەقەدەر قاتتىق زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ بەردى. ئو يەنە جازا لاگىرىدا كۆرگەن زۇلۇم ۋە خورلۇقلارنى ، كىشىلەرنىڭ كامىردىن تۇرۇپ ئازلاپ ، تۇرۇپ كۆپىيىپ قالدىغانلىقىنى، كامىرنىڭ شارائىتىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى ، ھەتتا يىگۈدەك تۈزۈك تاماق ۋە ئۇخلىغۇدەك بوشلۇقنڭمۇ يوق ئىكەنلىكى قاتارلىق بىرقاتار زۇلۇملارنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى بىلەن بىر كامىرغا سولانغان ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ، ھەدىمىزگە ئۆزىلىرىنىڭ بۇ يەردىن

ئاپتۇر: كۆلتىگىن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-28

 

  1. [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

2018-يىل 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىستانبۇل ئىبن خالدۇن ئۇنۋېرستىتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتىتنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرشى ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇغۇچىسى دىليار ھېۋىللا قېرىندىشىمىزنىڭ تەشكىللىشىدە «نەق مەيدان گۇۋاھلىق بىرىش» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. يىغىنغا ئەسلىدە شەرقىي تۈركستان داۋاسنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت شەخسلىرى بولغان ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى بىلەن ئۆمەر بىك ئەپەندى تەكلىپ قىلنغان بولۇپ ، ئەمما ئۆمەر بىك ئاكىمزنىڭ تۈركىيەدە بولماسلىقى سەۋەبىدىن گۈلباھار جېلىل ھەدىمىز قاتناشتى. يىغىنغا ئۇنۋېرىستىتكى پىرافىسسورلار، ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى. گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر گۇۋاھىقىنى ئۇيغۇرچە بەردى. مەزكۇر ئۇنۋىرستىتىنىڭ ماگىستر ئوقۇغۇچىسى دىليار ھېۋىللا گۇۋاھلىقنى نەق مەيداندا ئۇيغۇرچىدىن ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلدى. گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن گۈلباھار خانىم ئۆزىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرغاندىن كېيىن، جازا لاگىرىدا ئۆزى بىۋاستە ياشىغان، كۆرگەن قېيىن-قىستاقلارنى ۋە جازا لاگىرىنىڭ ئەمەلىي شارائىتىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئو سۆزىدە ئۆزىنىڭ قازاقىستان پۇقراسى بولغان بولسىمۇ خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرنداشلىرىمىزنىڭ نەقەدەر قاتتىق زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ بەردى. ئو يەنە جازا لاگىرىدا كۆرگەن زۇلۇم ۋە خورلۇقلارنى ، كىشىلەرنىڭ كامىردىن تۇرۇپ ئازلاپ ، تۇرۇپ كۆپىيىپ قالدىغانلىقىنى، كامىرنىڭ شارائىتىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى ، ھەتتا يىگۈدەك تۈزۈك تاماق ۋە ئۇخلىغۇدەك بوشلۇقنڭمۇ يوق ئىكەنلىكى قاتارلىق بىرقاتار زۇلۇملارنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى بىلەن بىر كامىرغا سولانغان ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ، ھەدىمىزگە ئۆزىلىرىنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كىتشكە كۆزى يەتمەيدىغانلىقىنى ، شۇڭا ئەركىنلىككە چىققاندىن كىين بۇيەردىكى زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ھاۋالە قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى باشتا ئۆزىنىڭ كەچمىشىنى ۋە نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۆزىنىڭ ھىچقانداق سىياسي پائالىيەتلەرگە ئارلىشىپ باقمىغان بىرى بولسىمۇ بېشىغا بۇ زۇلمەتلىك كۈننىڭ كەلگەنلىكىنى ، ئانسى ۋە ئايالى قاتارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جازا لاگىرىغا سولانغانلىقى بايان قىلىپ ئۆتتى. يەنە نۇرغۇنلىغان خىتاي ئۈچۈن سادىق بولۇپ ئىشلىگەن كىشىلەرنىڭمۇ تۇتۇپ سولانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئارقلىق خىتاينىڭ نەزرىدە ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولۇشنىڭ تۇتۇلۇشقا يىتەرلىك باھانە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئو ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ تۈرمىلىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ، بولۇپمۇ ئاياللارغا ئىنسان قىلپىدىن چىققۇدەك دەرىجىدە روھىي ۋە جىسمانىي جازا بىرىلگەندىن سىرت ئولارنى ئاياغ ئاستى قىلدىغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالى ۋە ئانسىنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋرىنى ئاڭلىغاندىن كىين « خىتاي ھۆكۈمىتى ئايالىم ۋە ئانامنى ئېتىپ بەرسۇن ، ئوقنىڭ پۇلىنى مەن تۆلەيمەن » دېگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئابدۇراخمان ئەپەندى بۇلاردىن سىرت ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدىن قىسقىچە خەۋەر بەردى. يەنى ۋەتەندىكىلەرنىڭ پۈتۈنلەي نازارەت ئاستىدا ھىچقانداق ئەركىنلىكىنىڭ يوقلىقىنى ، ۋەتەن سىرتدىكىلەرنىڭمۇ خىتاينىڭ ھەرخىل پەسكەشلەرچە تەھدىتلىرىگە ئۇچراپ تۇرۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

پائالىيەت تەخمىنەن ئىككى يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت نۇرغۇن چەتئەللىك ئوقوغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. يىغىن ئاخىرلاشقاندا بەزى ئوقۇغۇچىلار گۈلباھار جېلىل ھەدىمىزدىن ئايرىم سۇئاللارنى سوراپ ئۇيغۇر مەسىلسىگە بولغان قىزىقىشىنى ۋە ھېسداشلىقىنى ئىپادىلدى.

بۇ سۇئاللار ، بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتشكە ئىمكان بارمۇ؟ بىزلەر نىمە قىلشىمىز كېرەك دېگەندەك سۇئاللار بولدى. بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن ئىبىن خالدۇن ئۇنۋرستىتى ماگستر ئوقۇغۇچىسى دىليار ، ھەر زامان ئۈمدۋار بولۇش مۇسۇلمانلىقنىڭ بىر پارچسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىدىن يانمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. يىغىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرولۇق مەزكۇر ئۇنۋىرسىتىت تەرپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككىنچى قېتملىق يىغىن بولۇپ ھېسابلىندۇ.

   

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتەلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 14

Next Post

‹‹ مەن ئۇلاردىن مىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئۈتۈندۈم ››: تەربىيىلەش لاگېرىدىن ھايات قۇتۇلغان بىر شەخىسنىڭ قاباھەتلىك ئەسلىمىسى

چا نويابىر 28 , 2018
26دۆلەتتىكى 278 ئىلىم ئادەملىرى ئوخشاش ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلىپ ، خەلىقئارانى شەرقى تۈكىستان (شىنجاڭ) كىشىلك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى .

You May Like