تۈركىيە – خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ پائالىيەتكە ئۆتكەن

تۈركىيە – خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ پائالىيەتكە ئۆتكەن

يۇلغۇن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 25-ئاۋغۇست

بۈگۈن تامغا تۈرك گېزىتى مۇخبىرى قۇتلامىش ئېشېك ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىۋىتېر ھېسابىدا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەپتىش ۋە بىخەتەرلىك ئىشخانىسىنىڭ 2020- يىلى 23- مارتتا تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى (تاشقى مۇناسىۋەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشخانىسى) غا ئەۋەتكەن  GIGY/2020- 31203756 نومۇرلۇق ھۆججىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئىستىخبارات ئورگىنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدار ۋە خادىملارنىڭ ئىسمى ئورۇن ئالغان. 

ھۆججەت مەخپىي ھۆججەتلەر كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغان بولۇپ، ھۆججەتكە «مەخپىي» دەپ ئەسكەرتىش يېزىلغان. ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن :
 » تۈركىيە – خىتاي ھەيئەتلىرى ئارىسىدا قۇرۇلغان ئورتاق بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىدا مېخانىزمى خىزمىتى دائىرىسىدە ئابدۇقادىر ياپچان، ئەنۋەر تۇردى ۋە ئەلى ئابلەت ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن تولۇقلىغۇچى ماتېرىياللار خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرە ئەلچىخانىسىدىن تاپشۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، بىرلىكتە ئەۋەتىلدى. قوشۇپ ئەۋەتىلگەن خىتاي ئەلچىخانىسى نوتىسىدا ئىدرىس ھەسەن، ئەنۋەر تۇردى، ئابدۇلخەۋەر جېلىل، نەسرۇللا مەمەت، ئابدۇرېھىم مەمەت، ئەلى ئابلەت ۋە مەھمەت يۈسۈپ ئابدۇكەرىم ئىسىملىك كىشىلەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز. 
    ھۆرمەت بىلەن
    مەسئۇت كوچ «

ئۇ يەنە تىۋىتېر ھېسابىدا خىتاي ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ ئەنۋەر تۇردى ھەققىدىكى ئەيىبنامىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئېلان قىلغان

مەنبە:

Uyghur Reporter

Next Post

بېيجىڭ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىك قىلىش ئۆلچىمىگە توشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كۈچلۈك پاكىت

چا ئاۋغۇست 25 , 2021
دوكتۇر ئادرىئان زېنزنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا نەزەر» ژۇرنىلىغا «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئاخىرلاشتۇرۇش: بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ نوپۇسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تەھلىل قىلىش» ناملىق ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى بېسىلغان بولۇپ، «پەن-تېخنىكا گېزىتى» دىن تايلور فرانسىس گۇرۇپپىسى بۇ توغرىسىدا بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلدى... «...تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر نوپۇس سىياسىتى سەۋەبىدىن 2040-يىلغا بارغاندا 4 مىليون 500 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن...»

You May Like