تۈركى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر سالدى: قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ئۈچ كۈندىكى نومۇسسىزلىقى

تۈركى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر سالدى: قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ئۈچ كۈندىكى نومۇسسىزلىقى

 تۈركى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر سالدى: قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ئۈچ كۈندىكى نومۇسسىزلىقى 

ئۇيغۇر مۇخبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 15-سېنتەبىر

ئارقا كۆرۈنۈش:

خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقى شىددەت بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە ئېغىر باستۇرۇش، ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈپ سىياسىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ، پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرى غەزەپ-نەپرەتتە ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ.
رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تالاپەتكە ئۇچرىدى، ئاجىزلىماقتا، خىتاي رايوننىڭ خوجىسىغا ئايلاندى. ئەمما تۈركى دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەش تۈگۈل، مەنپەئەت ئۈچۈن خىتاي ئالدىدا تىزلانماقتا. قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان شى جاللاتقا خۇشامەت قىلىشتا بەسلەشمەكتە. ھەر ئىككى دۆلەت ئۇنىڭغا ئەڭ ئالىي دۆلەت مېدالى تەقدىم قىلدى.

نېمە ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ 

خىتاي دۆلەت رەئىسى جاللات شى جىنپىڭ قوشنا دۆلەت قازاقىستاننى زىيارەت قىلدى، پرېزىدېنت توقايىۋى ئۇنىڭغا: « بىز خىتاينىڭ قازاقىستان ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز، سزنىڭ زىيارىتىڭىز تارىخى زىيارەت، سىز دۆلىتىمىزنىڭ ئەزىز مېھمىنى ۋە تۆھپىكارى، سىزگە دۆلەت ئوردىنى مۇكاپاتى بىرىمىز» دېدى ۋە ئۇنىڭغا دۆلەت ئوردىنى بەردى. شى جىنپىڭ :« بىز قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تېررىتورىيەسىنى مەڭگۈ قوللايمىز» دېدى.

شى جىنپىڭ سەمەرقەنتكە خىتاي قۇرغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»يېغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باردى. بۇ يەردە ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ شى جىنپىڭ ۋە ھەمراھلىرىنى ناخشا-ساز، ئۇسۇل-سامالار بىلەن كۈتۈۋالدى.

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شى جىنپىڭغا ئەڭ ئالىي دوستلۇق مۇكاپاتى مېدالى تەقدىم قىلدى.

ئەردوغان مەزكۇر خىتاي تەشكىلاتى يېغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەمەرقەنتكە كەلدى ۋە خىتاينىڭ داۋاملىق ئۆزىگە ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا جەھەتتە ياردەم بېرىشى ئۈچۈن مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى. ئەردوغان خىتاي بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە نامايىش قىلىۋاتقان 500 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ نامايىشى توسالغۇغا ئۇچرىدى، بىر قىسىملىرى قولغا ئىلىندى. (ئالاقىدار ۋىدىئولارنى يوۋ تۇب قانىلىمىزدىن كۆرۈڭ)
بۇ ئۈچ تۈركى دۆلەتتىن ھېچقايسىسى تېخى ھازىرغىچە ئېنىق، راۋان جۈملە بىلەن «بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان  ئىنسان ھەقلىرى باستۇرۇش سىياسىتىنى قەتئىي ئەيىبلەيمىز» دەپ باقمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيە كۆپ قېتىم سۆز ئويۇنى ئويۇپ، «بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىمىز» دېدى. 50 نەچچە دۆلەتنىڭ ئەيىبلەش مەيدانىدا ئىزچىل تۇرالمىدى. ئەمما خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي،ئىقتىسادى، ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىي ئاشۇردى. ھەتتا مۇخبىرلار قىستاپ سوئال سورىغىنىدا :« بىز خىتاي بىلەن ئايرىم ئالاقىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز، بىزنىڭ خىتاينى رەنجىتكىمىز يوق» دەپ كەلدى.

خىتاي ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قازاقىستاننى كېسىپ ئۆتۈپ ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشنى ئىشقا كىرىشتۈرمەكتە.

ۋىرگىنىيەدىن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ۋە پائالىيەتچى تۇرسۇنجان  ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تۈركى قېرىنداشلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە ئەركىنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلقئارالىق پرىنسىپلار ۋە قىممەت قاراشلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ، ياكى قىرغىنچىلىق ئۈستىدە سودا قىلىشىغا، خىتاينىڭ داۋاملىق كۈچىيىشكە ياردەم قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنقەرەدىكى زور كۆلەملىك نامايىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

جۈ سېنتەبىر 16 , 2022
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنقەرەدىكى زور كۆلەملىك نامايىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

You May Like