تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2040-يىللىق پىلانىنى ئىلان قىلدى، ئۇيغۇرلار يوق!

تۈركىيە، ئازاربەيجان، قازاقستان، قىرغىزستان، ئۆزبەكستان، ھونگىرىيە، تۈركمەنستان قاتارلىق تۈركى تىللىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 8-نۆۋەتلىك تۈركى تىلدا سۆزلىشدىغان دۆلەتلەر ئۇچرىششغا قاتناشتى.مەزكۇر يېغىن قارار ماقۇللاپ، ئورگان نامىنى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتتى. يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.

تۈركىيە، ئازاربەيجان، قازاقستان، قىرغىزستان، ئۆزبەكستان، ھونگىرىيە، تۈركمەنستان قاتارلىق تۈركى تىللىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 8-نۆۋەتلىك تۈركى تىلدا سۆزلىشدىغان دۆلەتلەر ئۇچرىششغا قاتناشتى.مەزكۇر يېغىن قارار ماقۇللاپ، ئورگان نامىنى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتتى.
يېغىن تەشكىلاتنىڭ 2040-يىللىق پىلاننى ماقۇللىدى.2040-يىللىق قازاقستان سابىق پىرەزدىنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىۋ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر قاراردا -تەشكىلات ئەزا دۆلەتلەر ئۆز-ئارا ئېقتسادنى كۇچەيتىدۇ،ستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ،ئازەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ بىر گەۋدىلىششنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.سپرۇسنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تۈركى دۆلەتلەر ئۇنېۋرستلىرى ھەمكارلىقى،مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەزكۇر تەشكىلات يەنە تەشكىلات مەركىزى بىناسنىڭ ئىچىلىش مۇراسمىنى ئۆتكۈزدى.
بۇ تەشكىلات -دۆلەتلەشكەن تۈركى خەلقلەرنىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلىپ،دۆلەت قۇرمىغان تۈركى خەلقلەر بىلەن پەقەت مەدەنىيەت جەھەتتە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى ۋە 2040-يىلغىچە بولغان ستىراتىگىيسى ۋە بىرلەشمە باياناتىدا ختتاي تەرىپىدىن بېسۋىلىغان شەرقى تۈركستان (ئۇيغۇرستان)زېمىنى ھەققىدە ھىچقانداق سۆز-ئىبارەت تىلغا ئىلىنمىدى.قىرغىن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز،ئۆزبەك قاتارلىق تۈركى خەلقلەر ھەققىدە ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

UT-Uyghur Reporter 2

Next Post

خىتاي سىقىپ چىقىرىلغان دۇنيا دېموكراتىيە يىغىنىغا تەيۋەن تەكلىپ قىلىنغان

چا نويابىر 24 , 2021
خىتاي سىقىپ چىقىرىلغان دۇنيا دېموكراتىيە يىغىنىغا تەيۋەن تەكلىپ قىلىنغان

You May Like