ۋول سچىرىت ۋە فوكس پارتلاتقۇچ: سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئەيىبلەندى. تىرامپ : مەن گۇناھسىز !

ۋول سچىرىت ۋە فوكس پارتلاتقۇچ: سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئەيىبلەندى. تىرامپ : مەن گۇناھسىز !

 ۋول سچىرىت ۋە فوكس پارتلاتقۇچ: سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئەيىبلەندى. تىرامپ : مەن گۇناھسىز !

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى31-مارت

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تاراتقۇسى بولغان «فوكس خەۋەرلىرى» شۇنداقلا ئەڭ ئىشەنچلىك تاراتقۇلاردىن: «ۋول سچرىت»، «CNN»، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق چوڭ تاراتقۇلارنىڭ 30-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى دونالد تىرامپقا نيۇ-يورك شەھىرى مانخاتتان رايونى تەپتىشى ئالۋىن بىراگ تەرىپىدىن ئەيىبلەشنامە ئېلان قىلىنغان. ئەيىبلەشنامىدە: دونالد تىرامپنىڭ ئۆزى كۆڭۈل ئاچقان پاھىشە ئايال ستورمى دانىيەلنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن خەجلىگەن 130 مىڭ دوللار پۇلنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلىش قىلمىشى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى سابىق پرېزىدېنتنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە تۇنجى قېتىم ئەيىبلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

دونالد تىرامپنىڭ سابىق ئادۋوكاتى مايكىل كوھىن 2018-يىلى دونالد تىرامپ پرېزىدېنت دەۋرىدە تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ دونالد تىرامپنىڭ ئاشنىسى، پاھىشە ستورمىغا 130 مىڭ دوللار پۇلنى ئۇرۇپ بەرگەن. تەكشۈرۈش جەريانىدا يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن «ئەدلىيەگە توسقۇنلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئۈچ يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

داڭلىق ژۇرنال «ئويۇنچى بالا» ژۇرنىلىنىڭ چولپىنى ماكدونالد  2016-يىلى دونالد تىرامپ پرېزىدېنت نامزاتى ئۈچۈن سايلامغا قاتناشقاندا، مېدىيا شىركىتى« ئامېرىكان مېدىيا ئىنكورپەرەرىيت»-تىرامپنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشۈپ، تىرامپنىڭ سابىق ئاشنىسى ماكدونالد خانىمنىڭ ھېكايىسىنى باشقا مېدىياغا دېمەسلىك شەرتى بىلەن 150 مىڭ دوللارغا سېتىۋالغان ۋە ئېلان قىلماي باستۇرۇپ قويغان. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مەزكۇر شىركەتنىڭ قىلمىشنى قانۇنغا خىلاپ دەپ قاراپ تەكشۈرمەكتە.

تىرامپنىڭ ياردەمچىلىرى بۇ ۋەقەگە قارىتا « تىرامپ گۇناھسىز، تىرامپ ئاقلىنىپ چىقىدۇ»دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دونالد ترامپقا قانداق جىنايەتلەر ئارتىلىشى مۇمكىن؟

جۈ مارت 31 , 2023
دونالد ترامپقا قانداق جىنايەتلەر ئارتىلىشى مۇمكىن؟

You May Like