دونالد ترامپقا قانداق جىنايەتلەر ئارتىلىشى مۇمكىن؟

دونالد ترامپقا قانداق جىنايەتلەر ئارتىلىشى مۇمكىن؟

  دونالد ترامپقا قانداق جىنايەتلەر ئارتىلىشى مۇمكىن؟

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 31-مارت

45-نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېقىندا ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ سوتقا تارتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا قايسى تۈردىكى جىنايەتلەر ئارتىلىدۇ؟ فىرانسىيەدە چىقىدىغان سىياسەت ژۇرنىلى «مەركىزى نۇقتا» (Le Point) نىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى CLAIRE MEYNIAL ترامپقا ئارتىلغان ئەيىبلەشلەرنى تۆۋەندىكى تۆت تۈرگە يىغىنچاقلىغان: 

1. جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايىتى:

نيۇ-يورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كىنو چولپىنى Stormy Daniels دونالد ترامپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش جەريانىدا(2016-يىلى) ئۆزىگە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان. بۇ ئىشتىن كېيىن ترامپ ئۇنىڭغا 130 مىڭ دوللار نەق پۇل بەرگەن ۋە ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنى قايتا تەكىتلىمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ ۋەدە ئالغان. ئەمما بۇ ئايال 2018-يىلى چىقارغان كىتابىدا ترامپ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىدىكى بولغان ۋەقەلەرنى تەپسىلىي بايان قىلغان. نيۇ-يورك يەرلىك ئەدلىيە تارماقلىرى بۇ ۋەقە توغرىسىدا كېلەر ھەپتە قايتا تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دونالد ترامپقا يېنىك بولغاندا جەرىمانە قويۇش ئېغىر بولغاندا 4 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

2.جورجىيە شتاتىدىكى «11780 بېلەت» ۋەقەسى:

بۇ ۋەقە 2020-يىلى 11-ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا دونالد ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان جورجىيە شتاتىدىكى سايلامغا مەسئۇل ئەمەلدارغا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ بايدېننى مەغلۇپ قىلىشى ئۈچۈن 11780 بېلەتكە (ئەينى ۋاقىتتا جو بايدېن 11779 بېلەتكە ئېرىشكەن) ئېرىشىشى لازىملىقىنى ئېيتىپ بېلەت سانىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئۇنىڭغا بېسىم قىلغان. سايلام ئەمەلدارى ترامپنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن ترامپ ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان. نۆۋەتتە بۇ دېلو ئاتلانتا يەرلىك ئەدلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئەگەر جىنايەت بېكىتىلسە ترامپقا 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

3. دۆلەت مەخپىي ھۆججەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋەقەسى:

ئامېرىكا قانۇنىدا، پرېزىدېنت ئۆز ۋەزىپە مۇددىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ساقلىغان بارلىق دۆلەت ھۆججەتلىرىنى «دۆلەتلىك ئارخىپ سارىيى»غا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن بويىچە ئارخىپ سارىيى 2021-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا دونالد ترامپقا 20 يەشىك ئەتراپىدىكى ھۆججەتلەرنى قايتۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئەمما بىر يىلدىن ۋاقىت ئۆتكەنگە قەدەر ھۆججەتلەر تولۇق قايتۇرۇلمىغاندىن كېيىن «فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى» ترامپنىڭ فلورىدا شتاتىغا جايلاشقان ھەشەمەتلىك داچىسى Mar-a-Lago نى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەن، نەتىجىدە 103 دانە مەخپىي ھۆججەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 1300 دانە ھۆكۈمەت ھۆججىتىنى قولغا چۈشۈرگەن. ئەگەر بۇ ۋەقەدە ترامپقا جىنايەت بېكىتىلسە: ئۆز ئالدىغا دۆلەت مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە دائىر ھۆججەتلەرنى ساقلاش جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن20 يىللىق، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ياخشى بىتەرەپ قىلمىغانلىق جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق ، قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىق جىنايىتى بىلەن 6 ئايلىق قاتارلىق قاماق جازالىرى بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

4. سايلام نەتىجىسىگە(2020-يىللىق پرېزىدېنت سايلىمى) كاشىلا قىلىش ۋەقەسى:

مەزكۇر ۋەقە ئەڭ ترامپقا ئارتىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئەيىبلەش بولۇپ، سايلام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2021-يىلى 1-ئايدا خۇلاسىلىگەن دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقتىدىكى دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقتا ترامپ ئۆز قوللىغۇچىلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە چېكىنمەي بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى قوللىغان، بۇ ۋەقە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بېلەت سانىنى بېكىتىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ كېچىكىشىگە سەۋەب بولغان. ئەگەر بۇ جىنايەت ئارتىلغان تەقدىردە دونالد ترامپقا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قازاقىستان پرېزىدېنتى ئەلىخان سمايىلوفنى باش مىنىستىرلىققا رەسمىي تەيىنلىدى

جۈ مارت 31 , 2023
قازاقىستان پرېزىدېنتى ئەلىخان سمايىلوفنى باش مىنىستىرلىققا رەسمىي تەيىنلىدى

You May Like