ئامېرىكا قەرزى 31 تېرىلىيونغا چىقتى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن ئاق ساراي ئ‍وتتۇرسىدا يىللىق مالىيە خام چوتى كىلىشمى دەسلەپكى قەدەمدە ماقۇللاندى. ئەمما كېڭەش پالاتاسدا قارشىلىققا دۇچ كەلمەكتە

ئامېرىكا قەرزى 31 تېرىلىيونغا چىقتى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن ئاق ساراي ئ‍وتتۇرسىدا يىللىق مالىيە خام چوتى كىلىشمى دەسلەپكى قەدەمدە ماقۇللاندى. ئەمما كېڭەش پالاتاسدا قارشىلىققا دۇچ كەلمەكتە.

 
تۇرغۇنجان، 1-ئيۇن،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
ھەر يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى-ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنى پىرەزدىنت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مالىيە خامچوتىغا قاراپ چېقىپ، ئۇنى تەستىقلايدۇ. پىرەزدىنت بايدىن ئوتتۇرىغا قويغان -2023 ۋە 2024-يىللىق مالىيە يىلى خامچوتى دۆلەت مەجلىسدە قارشىلىققا دۇچ كەلدى، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى دۆلەت قەرزى 31 تىرىلىيون بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى 2023-يىلى ئاۋام پالاتاسنى قولغا ئالغاندىن كىين، پىرەزدىنت بايدىننىڭ 2022-يىلى ۋە 2021-يىلى ھۆكۈمەت نامىدىن ئىنتايىن كۆپ چېقىم قىلغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن ۋە بايدىن ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى مالىيە خامچوتىغا قارشى تۇرغان.
30-ئىيۇن كۈنى ئىككى تەرەپ يېڭى مالىيە خامچوتى ھەققىدە كىلىشىمگە كەلگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.
6-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئاق ساراي مالىيە خامچوت لايىھىسى ھەققىدە بىر كىلىشىمگە كەلمىسە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مالىيەدىن ئايرىلىپ، نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ.شۇنداقلا ئامېرىكا مالىيەسى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلىنىدۇ. پۈتۈن پۇل-مۇئامىلە سستمىسى پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشىدۇ.بۇ بىر ھەپتە دۆلەت مەجلىسى پۈتۈن دىققىتىنى مالىيە خىزمىتىگە قارىتىدۇ.
جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دىموكراتلار ھەر يىلى مالىيە مەسلىسدە خۇددى باشقا كۆچمەنلىك، پۇقرالار ھوقۇقى، قورال باشقۇرۇش، بالا چۈشۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا ئۆز-ئارا قارشلاشقانغا ئوخشاش جىددى قارشىلىشدۇ. ئېقتسادى سياسەت جەھەتتە دىموكراتلار ھۆكۈمەتنىڭ مالىيەنى كۆپ ئشلىتىشىگە مايىل، چوڭ شركەتلەردىن باجنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنى ئاممىۋى ساھەگە، پاراۋانلىققا، سەھيە ۋە سۇغۇرتىغا ئشلىتىشكە مايىل.جۇمھۇرىيەتچىلەر چوڭ كارخانىلارنى قوللاش، ئۇلاردىن باجنى ئازايتىش، پۇقرالارغا ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئىلىشقا قويۇش ،ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالار ھاياتىغا ئارلىششغا چەك قويۇش قاتارلىق سياسەتلەرگە مايىل.جۇمھۇرىيەتچىلەر-ئامېرىكا كۈچلۈك كاپىتالزىم ۋە بايلارنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولۇشى بىلەن كۈچلۈك بولىدۇ ،ئۇلارغا باجنى ئۆستۈرۈش زىيانلىق دەپ قارايدۇ.ئامېرىكا تارىخىدىكى بايلاردىن باج ئازايتىش قانۇن ۋە سياسەتلىرى -جۇمھۇرىيەتچى پىرەزدىنتلار دەۋرىدە بارلىققا كەلسە، نامراتلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق سياسەتلىرى دىموكرات پىرەزدىنتلار دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن

 

Uyghur Reporter

Next Post

ئانتونى بىلىنكىن: روسيە ئارميسى دۇنيادا ئەمەس، ئۇكرائىنادىكى ئىككىنچى كۈچلۈك ئارمىيە بولۇپ قالدى

جۈ ئىيۇن 2 , 2023
ئانتونى بىلىنكىن: روسيە ئارميسى دۇنيادا ئەمەس، ئۇكرائىنادىكى ئىككىنچى كۈچلۈك ئارمىيە بولۇپ قالدى.

You May Like