ترامپ: «ئەگەر شى جىن پىڭ 20 دۆلەت يىغىنىدا مەن بىلەن كۆرۈشمىسە، خىتايغا يېڭى جازا يۈرگۈزىمەن» دېدى

پىرزېدىنت ترامپ «ئەگەر خىتاي رەئىسى بۇ ئايدا ياپونىيە ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىگىرمە دۆلەت يىغىندا ئۆزى بىلەن ئۇچراشمىسا، خىتاي ماللىرىغا يەنە يېڭى جازا يۈرگۈزىمەن» دەپ تەھدىت سالدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئازات ئۇيغۇر 

2019-6-12

 

پىرزېدىنت ترامپ «ئەگەر خىتاي رەئىسى بۇ ئايدا ياپونىيە ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىگىرمە دۆلەت يىغىندا ئۆزى بىلەن ئۇچراشمىسا، خىتاي ماللىرىغا يەنە يېڭى جازا يۈرگۈزىمەن» دەپ تەھدىت سالدى.

ترامپ ئەگەر بۇ قېتىمقى يىغىندا شى جىن پىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشمىسە، يەنە 300 مىلياردلىق خىتاي مېلىغا باج قويىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۇئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھەئە شۇنداق ئىش بولىدۇ…بىز ئۇ يەرگە بارىمىز ۋە ئۇ يەردە يىغىن بولىدۇ، ئۇمۇ يىغىنغا كېلىدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئالاقە ئورنىتىمەن.» ترامپ بۈگۈن ئامرېكا سى ئېن بى سى قانىلىنىڭ تېلىۋېزور زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي رەئىسىنى مۇنداق سۈپەتلىگەن:ئۇ ئىشەنگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدىكى بىر كاتتا ياخشى ئادەم…لېكىن ئۇ خىتاينىڭ رەئىسى، مەن بولسام ئامرىكىنىڭ».  ڭ.»

بىلۇمبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۆتكەن ئايدا:«ترامپ خىتاينى دەسلەپكى شەكىلدە ئۆزئارا كىلىشكەن ماددىلاردىن يېنىۋالدى» دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سودا سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىشارەت قىلغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى يېڭى يۈكسىلىشكە كىردى.

پرېزدېنت ترامپ 200 مىليارد قىممىتىدىكى خىتاي مېلىغا قويۇلىدىغان باجنى 10% تىن 25% كە ئاشۇرغانلىقىنى قارار قىلغانىدى. ئارقىدىنلا خىتايمۇ قىممىتى 60 مىلياردلىق ئامرىكا مېلىغا ئوخشاش نىسبەتتە باجنى ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. ئامرىكا شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ خۇا ۋېي شىركىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش توغرىسىدىكى قارار ھەققىدە ترامپ: بۇ تېما خۇۋا ۋېينىڭ تەھدىد پەيدا قىلىشىنى ئېتىبارغا ئېلىپ تۇرۇپ ھەرقانداق بىر سودا كېلىشىمنىڭ بىر بۆلىكى بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

 

مەنبە: ئەرەبچە ئەلجەزىرە خەۋەرلىرى

مەنبە: https://www.aljazeera.net/news/politics/2019/6/11/%D8%A7%D9%84%D8%B5%D9%8A%D9%86-%D8%AA%D8%B1%D8%A7%D9%85%D8%A8-%D9%88%D8%A7%D8%B4%D9%86%D8%B7%D9%86

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

قىرغىزىستان پىرىزدىنتى شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتىۋالدى

پە ئىيۇن 13 , 2019
6-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە زىيارەتتە بولدى. قىرغىزىستان پىرزىنتى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى. ‎قىرغىزىستان پىرزىنتى خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ بېشكەكتە چاقىرىلغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. قىرغىزىستان پىرزىنتى خىتاي ھۈكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە قىرغىزىستاننىڭ مەڭگۈ خىتاينىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى ھەمكارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاخىردا خىتاي خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

You May Like