تىرامپ خىتاي ھەققىدە ھېچكىمنىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن بىر ساننى ئوتتورغا قويدى

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي سودا مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گاۋ فېڭ ئىككى دۆلەت سۆھبەت ھەيئىتى قەدەممۇ قەدەم كېيىن قېتىلغان تاماژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا ئىتىپاققا كەلدى دىگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە بىر كۈن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى تىرامپتىن مەن تېخى ھېچقانداق نەرسىگە ماقۇللۇق بىلدۈرمىدىم دەپ خىتاينىڭ يۈزگە ئۇرۇلغان مۇشىت كەبى بىر جاۋاپ كەلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

 

2019-يىلى 12-نويابىر

 

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي سودا مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گاۋ فېڭ ئىككى دۆلەت سۆھبەت ھەيئىتى قەدەممۇ قەدەم كېيىن قېتىلغان تاماژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا ئىتىپاققا كەلدى دىگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە بىر كۈن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى تىرامپتىن مەن تېخى ھېچقانداق نەرسىگە ماقۇللۇق بىلدۈرمىدىم دەپ خىتاينىڭ يۈزگە ئۇرۇلغان مۇشىت كەبى بىر جاۋاپ كەلدى. 

 

تىرامپ سۆزىدە خىتاي تەرەپ سودا كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا ئالدىراپ كېتىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي 57 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تەس كۈنگە چۈشتى. خىتاينىڭ ئىقتىسادى بىر تۇخۇمغا ئوخشاپ قالدى دېدى. 

 

57 دىگەن بۇ سان نېمە ئۈچۈن دىيىلدى؟ نېمە ئۈچۈن ئىسلاھ ئېچىۋېتىلگەن 30يىل ئەمەس، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قېتىلغان 18يىل ئەمەس؟ 57دىن نېمە كۆزدە تۇتۇلدى؟ 57يىل بۇرۇن خىتايدا نېمە ئىش بولغان ئىدى؟ 57يىل بۇرۇن 1962-يىلى خىتايدا «چوڭ سەكرەپ ئالغا ئىلگىرلەش» مەغلۇپ بولۇپ، لىيۇۋشاۋچى ماۋ زېدۇڭدىن ھۇقۇقنى ئالغان يىلى ئىدى. ماۋزېدۇڭ «چوڭ سەكرەپ ئالغا ئىلگىرلەش» باشلىنىپ ئۈچ يىلدا مەغلۇپ بولغان ئىدى. چۈنكى ماۋ جېنىغا باقماي سوۋىت ئىتپاقىدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن باشلىغان بۇ «ئۇلۇغ چۈش» ئۈچ يىلدا مەغلۇپ بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادىنى قاتتىق ئېغىز كىرزىسقا تىققان، دۆلەتنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، خەلقنى ئاچ -يالىڭاچ قويغان ئىدى.2016-يىلى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم «ئۇلۇغ خىتاي چۈشى» نى باشلىغان ئىدى. ئۈچ يىلدىن كېيىن ھازىرقى ھالەتكە كەلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، تىرامپ شى جىنپىڭغا مەن «خىتاينىڭ ئۇلۇغ چۈشى»نى بۇزدۇم دىمەكچى. يەنە بىر نۇقتا بىز سىزنىڭ تارىخىڭىزنى ياخىشى بىلىمىز دىمەكچى بولىشى مۇمكىن. رەقىپنى يېڭىش ئۈچۈن ئۇنى ھەر تەرەپتىن بىلىش كېرەك. تارىخىنى بىلىش كېرەك! ھەر قەدىمىگە دىققەت قىلىش كېرەك!

 

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=lLs93d7YXxk&feature=youtu.be

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتاي دۇنيا بانكىسنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى تەربيلەش مەركىزىگە بىرىلىدىغان ياردەمنى توختاتقانلىقىنى پەردازلىدى

سە نويابىر 12 , 2019
خىتاي دۇنيا بانكىسنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى تەربيلەش مەركىزىگە بىرىلىدىغان ياردەمنى توختاتقانلىقىنى پەردازلىدى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ مەبلەغ توختىتىشى-ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ياردەم بەرمەسلىك ئۈچۈن دېگەن بايانىنى «پاكىتنى بۇرىغانلىق» دەپ ئەيىپلىدى. خىتاي: دۇنيا بانكىسى تەربىيلەش تۈرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ باردى دەپ سلىقلاشتۇردى.

You May Like