ئۇيغۇرىئان ئانالىزى:ئامېرىكىنىڭ ختتاي ۋە ئ‍سلام دۇنياسى سياستى

نيا ئامېرىكا ۋە ختتايدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سياسى لاگىرغا ئايرىلغان بىر پۇرسەتتە، ئ‍سلام ئەللىرى (ئ‍اھالىسى كۆپچىلىكى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەر) خەلقئارا قۇتۇپلىششتا ئاستا-ئاستا ختتايغا قاراپ ئېقىشتىن ئاشكارا ھالدا ختتاينى قوللاشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ ختتاي ۋە ئسلام دۇنياسى سياستى
ئۇيغۇرىئان ئانالىزى،25-مارت
(چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا يېزىپ چىقتىم،بىر ھوزۇرلىنىڭلار)
دۇنيا ئامېرىكا ۋە ختتايدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سياسى لاگىرغا ئايرىلغان بىر پۇرسەتتە، ئسلام ئەللىرى (ئاھالىسى كۆپچىلىكى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەر) خەلقئارا قۇتۇپلىششتا ئاستا-ئاستا ختتايغا قاراپ ئېقىشتىن ئاشكارا ھالدا ختتاينى قوللاشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.
ئامېرىكا دىموكراتىيە، ئنسان ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىكتىن ئىبارەت مۇھىم قىممەت قاراشلار ۋە پىرىنسپلار ئاساسدا دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ ياخشلىق دۇنيادا ئىتىراپ قىلىشقا، مىننەتدارلىققا ئىرىشەلمەيۋاتىدۇ. بۇش ھۆكۈمىتىدىن باشلانغان قالايمىقانچىلىق تېخى ئسلاھ بولغىنى يوق، بىر پىرەزدىنىت باشلىغان تاشقى سياسەتنى يەنە بىر پىرەزدىنىتنىڭ سياسى پارتىيە ئىدىئولوگيسى ياكى قسقا مۇددەتلىك سياسەت ئۈچۈن قۇربان قىلىشى-ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بېخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكىغا مۇھتاج ئاجىز خەلقلەر ئۈچۈن پايدىسز شارائىت يارىتىپ كەلدى.
ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن 30 يىلدىكى ئوتتۇرا شەرق ۋە ختتاي سياسىتى -ئامېرىكا ۋە ئەركىن دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ پايدىسز شارائىتىنى ياراتتى: ختتاي بىلەن دىكتاتۇر ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ۋە ھەتتا رادىكال قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىششى.
مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئنسان ھەقلىرى ۋە سياسى تۈزۈلمىسدىكى نۇرغۇن مەسللەرنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى، ئىران، پاكستان، ھىندونوزىيە، مسر ۋە تۈركىيە قاتارلىق كۈچلۈك مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھەممىسى بار.ئەمما بۇ دۆلەتلەر سياسى ئسلاھاتتىن كۆرە، ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئشلىرىغا ئارىلاشقۇچى دەپ قارايدۇ.
ختتاي بولسا -مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، پەقەت ئۇلار بىلەن تەرەققىياتنىڭ ، ئورتاق بىيشنىڭ، يېڭى دۇنيا قۇرۇشنىڭلا پارىڭىنى قىلىدۇ. ئۇلارغا كەم بولغان تېخنىكا، نەقپۇل قەرزى تەمىنلەيدۇ.
ختتاينىڭ ھىلىگەر دىپلوماتىيە تاكتىكىسدىن باشقا، تېخنىكا ۋە مەبلەغچىلىك ساھەسدىكى تەرەققىياتىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
يېقىندا داڭلىق «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تەتقىقات دوكلاتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ،ئەرەب دۆلەتلىرى-ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا سۇكۇت قىلمىدى،بەلكى ئۇلار ختتاي بىلەن شىرىكلەشتى»دەپ ئىلان قىلىپ سياسى ساھەدە چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى.
ئامېرىكا ئسلام دۆلەتلىرىگە قارىتا دىپلوماتىيە سياستىنى قايتا تەڭشەشكە مۇھتاج.
ئامېرىكا نۆۋەتتىكى يېڭى سياسى ۋەزىيەتتە ھەم ختتاي ھەم ئسلام دۇنياسى سياستىنى ئسلاھ قىلىشى كىرەك.
22-مارت پاكستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا-ئسلام دىنىنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق دۈشمىنى بولغان ختتاينىڭ ئالاھىدە مىھمان بولۇشى-ناھايتى نومۇسلۇق ئش، مەزكۇر تەشكىلات ئۈچۈنلا ئەمەس ،مۇسۇلمان لىدىرلار ئۈچۈنمۇ نومۇسلۇق بىر ئش.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ -ئامېرىكىنى دۇشمەن كۈچ سۈپىتىدە كۆرۈشى ۋە يېغىنغا تەكلىپ قىلماسلىقى ختتاينى دوس دەپ جاكارلىشى ۋە ئۇنىڭغا سۆز قىلىش پۇرستى بىرىشى-پەقەت ساھىپخان پاكستاننىڭ مەسلىسى ئەمەس، بەلكى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭمۇ ئېقتساد ۋە سودىدا ختتايغا بىقىنىدىغانلىقىنىڭ تەسىردىن ئىبارەت، يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا،بۇ ئامېرىكىنىڭ ئسلام دۆلەتلىرى ئارا دىپلوماتىك سياسەتتە ختتايغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئىراق ۋە ئافغانستاندىكى ھەربى تاجاۋۇزچىلىق ۋە مەغلۇبىيەت ئامېرىكىنى ئسلام دۇنياسدىكى ئامما ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىچىدە پاسسپ ئورۇنغا چۇشۇرۇپ قويدى،شۇنداقلا بۇ روسيە ۋە ختتاينىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردىكى تەسر كۈچىنى ئاشۇرىدىغان سياسى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.
ختتاينىڭ قوللانغان ئۇسۇلى ھەرگىز ئامېرىكىغا ئوخشمايدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇرلاش، ھەربى ھەرىكەت قوللىنىش ۋە ئارقىدىن سياسى ئسلاھاتقا مەجبۇرلاش ۋە غايەت زور سوممىلىق بىكارلىق ئېقتسادى ياردەم قىلىش. بۇ ئامېرىكا ئوبرازىنى خىرەلەشتۈرىدۇ،ھازىرغىچە ئامېرىكا ئۆتكەن 20 يىلدا ئۇتۇق قازانغان ھەربى ۋە سياسى ئۆزگىرىشلەردىن مەغلۇپ بولغانلىرى كۆپ،ئارقىدىن ئامېرىكا غايەت زور ئېقتسادى ياردەم بىرىدۇ، ئېقتسادى جەھەتتە بەدەل تۆلەيدۇ،ئامېرىكا بەرگەن نەقپۇلغا مەزكۇر دۆلەتلەر ختتاينىڭ قۇرۇلۇش ۋە تېخنىكا شركەتلىرىنى ياللايدۇ،نەتىجىدە پايدىنى ختتاي ئالىدۇ، ئىراق، ئافغانستاندا شۇنداق بولدى، پاكستان ئامېرىكىدىن ئالغان پايدىنىڭ ھەددى-ھساۋى يوق،ئەمما نۆۋەتتە ختتاينى ئۆز ئىتتپاقدىشى ھسابلايدۇ.
ئەمما ختتاي ھەربى ھەرىكەت قوللانمايدۇ، سياسى تۇزۇلمە مەجبۇرلىمايدۇ، دىكتاتۇر ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى سياسى جەھەتتە تېخىمۇ دىكتاتۇر بولۇشنى قوللايدۇ،ختتاي ھەمىشە قارشى تەرەپتىن ئورتاقلىق ئىزدەيدۇ ۋە دەرھال بىگىز سانجىيدۇ.
ختتاينى 30 يىل تەتقىق قىلغان،«100 يىللىق مارافون» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتۇر مايكىل پىلىزبىررى مۇنداق دىگەن: ئامېرىكىنىڭ ھەقىقى ختتاي سياسى يوق،ئامېرىكا ختتاينى چۇشەنمەيدۇ،ختتايغا يىللاردىن بىرى ياردەم قىلىش، يۆلەش، قوللاش-ئامېرىكىنى بۈگۈنكى ھالغا قويدى.ئامېرىكا ختتاينى تىرامپ دەۋرىدىن باشلاپ رىقابەتچى دەپ تونۇشنى باشلىدى،ختتاينى رىقابەتچى دەپ تونۇش ئامېرىكىنىڭ ختتاي سياستىنىڭ يۆنىلىشى بولۇشى كىرەك؛.
پىرەزدىنىت بايدىننىڭ تىرامپ يولغا قويغان ختتاينىڭ 350 دىن ئارتۇق مەھسۇلاتىغا چەكلىمە قويۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ۋە ختتايغا قارىتا بىر قاتار سياسەتلەرنى يۇمىشتىشى-ئامېرىكىنىڭ تاشقى سياسەتتە ئۆزگىرىشچان مەيدانى ۋە بۇنىڭ ئارقىسدىكى بىر ئاجىزلىقنى ئاشكارىلايدۇ:
نىمە ئۈچۈن ئامېرىكا ختتايغا بۇ قەدەر مۇھتاج؟بۇ مۇھتاجلىق قانچىلىك چوڭقۇر؟ بۇ مۇھتاجلىقنىڭ تەسىرىدە قانداق ئاقىۋەتلەر يۇز بىرىۋاتىدۇ؟ بۇ مۇھتاجلىقتىن قانداق قۇتۇلۇش كىرەك؟
ئامېرىكىنى ختتايدىن ئېقتساد ۋە تېخنىكىدا ئۇزۇل-كېسل ئايرىپ چىقىش- ئامېرىكىدا ئۇ قەدەر ئالقشقا ئېرشۋاتقان تېما ئەمەس،ھەتتا نۇرغۇنلار ئۈچۈن سەزگۇر مەسللەرنىڭ بىرى.
بۇنىڭدىن كىينكى تېما ختتاينىڭ خىرسنى تونۇغان ئامېرىكىنىڭ قانداق سستىسمىلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ستىراتىگىيەلىك قەدەملەر بىلەن ھەممە ساھەنى تازىلاشقا قارىتىلغان بولۇشى كىرەك.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تارىخى پاكىتلار خاتىرسى: (1-ھەپتە)

شە مارت 26 , 2022
1-دوكلات:«ئەرەب دۆلەتلىرى -ختتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا شرىك» ئىكەنلىكى ھۈججەتلىك دوكلاتە دوكلات ۋە خەۋەرلەر ئىلان قىلىندى. ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى ئىلان قىلغان دوكلات ۋە دەۋر ھەپتىلىكى ئىلان قىلغان خەۋەرلەردە،ئەرەب دۆلەتلىرى ختتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سۈكۈتتە تۇرمىدى،بەلكى شرىك بولدى دەپ كۆرستىلدى.

You May Like