ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى: كوۋىد ۋىرۇسى خىتايدىكى تەجرىبىخانىدىن ئېقىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى: كوۋىد ۋىرۇسى خىتايدىكى تەجرىبىخانىدىن ئېقىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن

 ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى: كوۋىد ۋىرۇسى خىتايدىكى تەجرىبىخانىدىن ئېقىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 1-مارت

ئەنگلىيە BBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) باشلىقى كرىستوفېر راي (Christopher Wray) سەيشەنبە كۈنى «فوكۇس خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى بىر تەجرىبىخانىدىن ئېقىپ چىققان بولۇشى ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەلۇم بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال يەنى 27-فېۋرال ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ ئوخشاش كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

كرىستوفېر راي مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ:« FBI ئۇزۇن مۇددەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق كوۋىد ۋىرۇسى مەنبەسىنىڭ ۋۇخەندىكى بىر تەجرىبىخانىدىن كەلگەنلىكىنى ئېھتىماللىققا ئىنتايىن يېقىن دەپ قارايدۇ…». ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرغا تېخىمۇ ئىنچىكە ھالقىلارنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ مەخپىي ھۆججەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋىرۇس ھەققىدىكى پاكىتلارنى يوشۇردى دەپ ئەيىبلەيدۇ.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئېلون ماسك ئۆزىنىڭ شەخسىي تىۋىتتېرىدا ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ خىتايدىن تارقالغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىگەن. بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنى ناھايىتى بىئارام قىلغان بولۇپ، 1-مارت خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ ئېلون ماسكنى قاتتىق تەنقىدلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتايغا قاش ئاتساڭ ئۇيغۇر تاش ئاتىدۇ

چا مارت 1 , 2023
مەن ئەخمەتجان ئىسمايىلنى ئەسەرلىرى، قىلىقى ۋە قىلىۋاتقانلىرىدىن ياخشى تونۇيمەن. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قېتىم خىتايپەرەس بىخەتەر پىكىرلەرنى بازارغا سېلىشىدىن ھەيران قالمىدىم. مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن «شەرقى تۈركىستان قۇرۇلمايدۇ» دېگەن كىتابىنىڭ ئېلانىنى كۆرۈپمۇ پەقەتلا تاسادىپىلىق، كۈتۈلمىگەنلىك ھېس قىلمىدىم

You May Like