تىنچ ئوكياندىكى جىددىي ۋەزىيەت

ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.] ئامېرىكا يەرلىك سايلام سايلامغا (يەرلىك سايلام ياكى ئارا سايلام ــ 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلام ياكى پىرىزىدېنت سايلىمدىن باشقا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى سايلام بولۇپ، ئادەتتە ۋىلايەت ۋە شىتات باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلدۇ )

 

تۈركىيە يېڭى شەپەق (Yeni Şafak ) گېزىتى

ئېلان قىلنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 5 ـ ئۆكتەبىر

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : كۆلتېگىن

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]   ئامېرىكا يەرلىك سايلام سايلامغا (يەرلىك سايلام ياكى ئارا سايلام ــ 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلام ياكى پىرىزىدېنت سايلىمدىن باشقا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى سايلام بولۇپ، ئادەتتە ۋىلايەت ۋە شىتات باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلدۇ ) كۈنلەر ئاز قالدى. دەل موشۇنداق ۋاقىتتا ئامېرىكا، خىتاي نەنخەي دېڭىزىدا ئەسكىرى ئىغۋاگەرچىلككە تەييارلىق قىلۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان فىلوتى 10-ئايدا خىتاينىڭ سىتراتېگىيەلىك دېڭىز تەۋەلىكىدە بىرھەپتە داۋاملشىدىغان كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقچى. بۇ قارارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرىزدىنتى مايىك پېنس خىتاينى يەرلىك سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە تىرامپ ھۆكۈمىتىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولۇش جىنايتى بىلەن ئەيىپلىدى. س ن ن قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارالىق كۈچ كۆرسىتىشكە ھازىرلانغان ئامېرىكا فىلوتى، جەڭ ئايروپلانى ۋە ئاۋىياماتكىلىرىنىڭ ماسلىشىشى نەتىجىسىدە كۆپ تەرەپلىك دۈشمەن كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلالايدىغانلىقىنى كۆرستىپ قويماقچىكەن. خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا خىتاي دېڭىز ساھەسىگە يېقىن رايونلار ۋە تەيۋەن بوغىزىدا ئەسكىرى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بىيجىڭ ھۆكۈمىتىگە خەلقئارالىق سۇ يوللىرىدا ئەركىن قاتناشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويماقچى ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشى خىتاينىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ئامېرىكا ئۇرۇش كېمىلىرىگە قارشى كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۇمكىن. 1-ئۆكتەبىر كۈنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا كىرگەن ئامېرىكا ئۇرۇش كېمىسىنى خىتاينىڭ ئۇرۇش كېمىلرى پايلىغان بولۇپ، 15 مىترغىچە يېقىنلاشقان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشچە، بۇ خىل ئەھۋال خىتايدىكى ئامېرىكىنى دۈشمەن دەپ قارايدىغان گۇرۇھنىڭ تەسىرىنى كۈچلەندۈرىدىكەن.

تىرامىپ بۇ ھەركەتنى سىياسىي مەقسىدى ئۈچۈن قوللانماقچى

6-ئۆكتەبىردە ئامېرىكىدا يەرلىك سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەر ھەر ئىككى قاناتتا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى دېموكىراتچىلار بولسا ئەڭ ئاز بىر قاناتتا ئۈستۈنلۈك قازىنىپ 2020-يىلدىكى پرىزىدىنت سايلىمىدا ئۆزلىرىگە پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىشنى مەقسەد قىلماقتا. بۇ سايلام تىرامىپ ھۆكۈمىتىنىڭمۇ كەلگۈسىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئامېرىكا فىلوتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى بۇ ھەربىي ھەرىكىتى جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ قوللاش نىسبتىنى ئاشۇرىدۇ دەپ قارالماقتا.

پېنس خىتاينى ئەيىپلىدى

ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچ كۆرستىش ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن پىرىزىدىنت پېنسنىڭ خىتاينى ئامېرىكىنىڭ يەرلىك سايلىمغا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىپلىگەن باياناتىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلىشى ئالاھىدە دىققەت تارتتى. مايىك پەنس، خىتاينى تىرامپ ھۆكۈمىتىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى دەپ ئەيىپلىدى. ئۇ خادسون ئىنستىتۇتىدا قىلغان نوتۇقىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە «خىتاي تىرامپتىن پەرقلىق، باشقا پىرىزېدىنت ئىستەۋاتىدۇ» دېدى. پېنس يەنە «خىتاي تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سودا قورۇقچىلىق سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئالغاندا، 2018-يىلدىكى يەرلىك سايلاملاردا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان شىتات ۋە سانائەتلەرنى نىشانغا ئالدى» دېدى. پەنس يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكا سىياسىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش نۇقتسىدا رۇسىيەنى بېسىپ چۈشكەنلىكىنى بايان قىلدى شۇنداقلا بىر ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمنىڭ ئۇنىڭغا «رۇسىيەنىڭ قىلغانلىرىنى خىتاينىڭ ئامېرىكا دۆلىتى ئىچىدە قىلغانلىرىغا سېلشتۇرساق تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ» دېگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

خىتاي ئامېرىكىدىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى

خەلقئارالىق توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە باش شىتابى خوڭكوڭدا بولغان CMES شىركىتىنىڭ دېرىكتورى شيې چۈنلىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت تىجارىتىنىڭ تامامەن توختىغانلىقىنى بىلدۈردى. خوڭكوڭدا ئېچىلغان دېڭىز ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قېتلغان شيې چۈنلىن «بىز ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكىدىن خىتايغا نېفىت توشۇغان بىر شىركەت. سودا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن بۇ ياخشى بىر ئىش ئىدى، لىكىن ھازىر تامامەن توختىتىلدى» دېدى. ئامېرىكا خىتايغا نېفىت ئىكسپورت قىلىشنى 2 يىل بۇرۇن باشلىغان ئىدى.

جىددىي ۋەزىيەت

جەنۇبى خىتاي دېڭىزىغا كىرگەن ئامېرىكا كېمىسىنىڭ خىتاي كېملىرى تەرىپىدىن 15 مېتىرغىچە يېقىنلىشپ پايلانغانلىقىنىڭ سۇنئي ھەمراھ خەرىتىسى ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا ئۇرۇش كىمىسى USS Decatur ، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ھەرقايسى دۆلەتلەر تالشىپ كېلىۋاتقان سىپاراتىل ئاراللىرىنىڭ 12 دېڭىز مىلى دېڭىز ساھەسىگە كىرگەن ئىدى. مەنبە: https://www.yenisafak.com/amphtml/dunya/pasifikte-sicak-temas-3400054

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

پاكستاندا خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىپ كېتشى پاكستان خەلقىنى نارازى قىلماقتا

شە ئۆكتەبىر 6 , 2018
ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.] خىتاي ـ پاكستان ئىقتسادى كارىدورىنىڭ بىر قىسمى بولغان گىۋادار پورتىنىڭ قۇرلۇشى ئۈچۈن كۆپىيىپ كەتكەن خىتاي نۇپۇسى ۋە بۇ سەۋەپتىن ئېچىلغان خىتاي تىلى مەكتەپلىرى پاكستان خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

You May Like