تەرجىمە:ئامېركىلىق پروفېسسور خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى قانداق مونوپول قىلغانلىقىنى ئېچىپ تاشلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى توختىماستىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.

 

فىرانسيە خەلقئارا رادىئوسى خىتايچە بۆلىمى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى

تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

   

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى توختىماستىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.

ئۇزۇندىن بېرى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كىلىۋاتقان ئامېرىكا نىيو يورك ئۇنىۋېرسىتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى جېرومى كوخېن چارشەنبە كۈنى ئىېلان قىلغان ماقالىسىدە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرگە پەقەت 45 سىكۇنتلا پىكىر بايان قىلىش ۋاقتى بەرگەنلىكىنى ۋە دۇنيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان ) مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشنى داۋام قىلغانلىقىنى ئەيىپلىدى.

پروفىسسور جېرومى ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ: 6- نويابىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاي خەلق جومھۇرىيىتىگەقارىتا 3-نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك قاراپ چىقىشى ئىدى، بىراق ، كۈلكىلىك يېرى شۇكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە پەقەت 45سېكونتلا پىكىر بايان قىلىش ۋاقتى بىرىلگەن. ھالبۇكى دۇنيانىڭ بارچە كۆزى ، ئىشتىراكچى دۆلەتلەر خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان ) مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۈرمىگە قاماش ۋە خالىغانچە قاماپ قۇيۇشقا ئوخشاش قانۇنسىز قىلمىشىنى تەنقىد قىلىش ياكى قىلماسلىقىغا مەركەزلەشكەنىدى.

ئامېرىكا، كانادا، گېرماىيە ۋە ئەنگېلىيەنى ئۆز ئچىگە ئالغان دۆلەتلەر يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى تەنقىد قىلدى، ئەمما تۈركىيەدىن باشقا ھېچبىر مۇسۇلمان دۆلىتى خىتاي ھۆكىمىتىنى تەنقىد قىلمىغان.

پروفىسسور جېرومى، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تەسىرىنى كۆچەيتىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىگە تايىنىپ قالغان كۆپلىگەن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە مۇستەبىت دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ساھاسىدىكى ئۇتۇقلىرىنى يۇقىرى باھالىدى. بىراق، پىروفىسسور جېرومى، ب د ت رامكىسى ئىچىدە خىتايغا زەربە بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يېقىندا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش شەرتنامىسىنى كۆرۈپ چىققان كومىتىت ۋە ب د ت خالىغانچە قاماپ قۇيۇش مەسلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار خىتاينىڭ شەخسىي ئىنسانىي ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىشىنى ئەيىپلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ب د ت رامكىسى سىرتىدا، ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش رايۇن خارەكتىرلىك خەلقئارالىق ئورگانلاريىغىنى ، ۋە باشقا خەلقئارالىق ئىقتىساد يىغىنى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىنى ئەيىپلەيدىغان پۇرسەت بۇلالايدۇ.

بۇندىن تاشقىرى، ب د ت كىشىلىك ھۇقۇق كېڭىشى 3-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لې يۈچېڭ، كېڭەشتە «خىتاينىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلىشىنى» رەت قىلدى . ئۇ خىتاينىڭ 800مىليون ئىنتېرنىېت ئىشلەتكۈچىسى ۋە 12 مىڭ ئەتراپىدا گېزىت-يورنال بارلىقىنى، تور ئەھلى ھەر كۈنى پەيدا قىلىدىغان ئۇچۇر مىقدارى كۆپ بولغاندا 30مىلياردا يىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ يەنە، بۇنداق دۆلەتتە سۆز ئەركىنلىكى يوق دەپ ئېيتىدىغان كىشىلەر بار، بۇ قانداق مەنتىقە؟ دېدى.

لې يۈچىڭنىڭ يۇقارقى سۆزلىرى تور ئەھلى ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولدى. تور ئەھلى خىتاي ھۆكىمىتىدىن خىتاي تور ساقچىلىرىنىڭ ئومومى سانىنى ۋە ئۇلار ئۆچۈرگەن خەۋەرلەرنىڭ ئومومى سانىنى ئېلان قىلىشىنى سورىدى.

    مەنبە: http://cn.rfi.fr/中国/20181108-孔杰荣教授揭露中国加强操控联合国人权理事会

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

جۈ نويابىر 9 , 2018
يېقىندىن بۇيان، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاممىۋىي تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى تۈرك خەلقىگە تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان تۈردىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەردىن بىرى مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلدى.

You May Like