(Daily Havadis) كۈندىلىك خەۋەر
ئورخان كاۋۇنجۇ
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى : 2018 – يىلى 10 -ئاينىڭ 22- كۈنى
تۈرۈكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: رازىيە
تەھرىر : كۆلتېگىن
ئۇيۇشتۇرغۇچى : ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
يېقىندىن بۇيان شەرقى تۈركىستاندىن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بەك كۆپ خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ. تولىمۇ ئىچىنىشلىقى شۇكى، بۇ خەۋەرلەر شەرقى تۈركىستان بىلەن ئالاقىدار بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئىنساپلىق بىر قانچە تاراتقۇلارنىڭ كۈنتەرتىپىدىن تېخى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىلمىدى.
خۇلاسىلىگەندە، خىتاي سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ سىتالىن دەۋرىدە سوۋىت كومپارتىيەسى تەرىپىدىن قوللىنىلغان «ئاسلماتسىيە قىلىش» سىياسىتىنى شەرقى تۈركىستاندا قوللىنىۋاتىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاۋغۇست ئېيىدا ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا، خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى «تەربىيەلەش» لاگىرىغا سولىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان خەۋەر دەپ كۆرسەتمەكتە. بىر تەرەپتە خىتاي ۋەكىللىرى، بۇ خەۋەرلەرنى «شەرقى تۈركىستاندا ھەممە كىشى ئوخشاش ئەركىنلىك ۋە ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە» دېيىش ئارقىلىق ئىنكار قىلماقتا؛ يەنە بىر تەرەپتىن » رادىكال، ئاشقۇن ئېدىيەلەرگە قارشى تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نى قۇرۇۋاتقانلىقلىرى ھەققىدە ماتىريال سۇنماقتا. بۇنىڭغا باشقا، «قايسى يىمەكلەرنىڭ ۋە ياكى يىمەكلىك ماتىرياللىرىنىڭ ئىسلامى ئەمەسلىكى (ھالال ئەمەسلىكى)» گە ئائىت سۆزلەرنىڭمۇ جىنايەت ھىساپلىنىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.
شەرقى تۈركىستان 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلنىشقا باشلىدى. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ مۇستەملىكىگە قارشى كۈرەشلىرى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشماقتا. ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم 1933- يىلى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1949- يىلى خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرى تەرپىدىن قايتا ئىشغال قىلىندى. قارشىلىق ھەرىكەتلىرى شۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئاخىرقى 30 يىل ئېچىدە داۋاملاشقان مۇھىم ۋەقەلەر ھەققىدە قىسقىچە بىر مەلۇمات بىرىشىمىز مەسلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ:
1990- يىلدىكى بارىن ۋەقەسى: بارىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە تەۋە بىر كەنىتتۇر. رامىزان ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئامما مەسچىتتە قەدىر كېچىسى ئۆتكۈزۈش ۋە روزى ھېيت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىش ئۈچۈن تەستىق ئالماقچى بولىشىدۇ. خىتاي مەمۇرى خادىملىرى بۇنىڭغا رۇخسەت بەرمەيدۇ.ئەكسىچە، بۇنىڭغا قارشى چىققان قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى بولمىغان ئاۋام پۇقرالارغا قارشى ئوق چىقىرىدۇ.بۇ ۋەقە بىر ھەپتە داۋاملىشىدۇ. خىتاي بۇ رايۇندىكى ۋەقەنى كونترول قىلىش ئۈچۈن زور مىقداردا ئەسكەر يۆتكەپ كىلىدۇ. نەتىجىدە 9 كەنت خەرىتىدىن يوق قىلنىدۇ ۋە 500 گە يېقىن قېرىندىشىمىز شەھىد قىلنىدۇ.
1998- يىلدىكى غۇلجا ۋەقەسى: يەنە رامىزان ئېيىدا قۇرئان ئوقۇغان ۋە قەدىر كېچىسىدە قۇرئان خەتمە دۇئاسى ئوقۇش ئۈچۈن بىر ئۆيگە يىغىلغان ئوتتۇزغا يىقىن ئاياللار «يىغىلىش قىلغان» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئىلنىدۇ. شۇ يەردىكى خەلقلەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئاياللارنىڭ قويۇپ بىرلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن بىر قانچە ئايالنىڭ جەسىتى خەلقنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بىرىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن چىققان ۋەقە غۇلجىدىن كېڭىيىپ پۈتۈن شەرقى تۈركىستاننى قاپلايدۇ.
2009-يىلىدىكى بەشىنجى ئىيۇل قىرغىنچىلىقى: 2003-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن 16 – 20 ياش ئارلىقىدىكى قىزلارنى يىغىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى زاۋاۇتلارغا مەجبۇرى ئىشلەشكە ئەۋەتىلىدۇ.بۇ سىياسەت سەۋەبىدىن 2009- يىلىغىچە 250 مىڭغا يىقىن ياشلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەن. بۇ بولسا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قوللىنىلغان شەرقى تۈركىستان رايۇنىدىكى ياشلارنى يوق قىلىش سىياسىتى ئىدى. يەنە شەرقى تۈركىستاندىن كەلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ زاۋۇتلاردا ئۇيغۇر قىزلىرىغا جىنسى زوراۋانلىق قىلىنغان، پاھىشە قىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئاقىۋەتتە بەزى ياشلار يامان يوللارغا كىرىپ قالغان، يەنى قاۋاقخانا ۋە ئىشرەتخانىلارغا ئۆگىنىپ قالغان.
ئۇ دەۋىردىكى جۇمھۇر باشلىقىمىز ئابدۇللاھ گۈل، ئۈرۈمچى، قەشقەرنى زىيارەت قىلۋاتقان ۋاقىت ئىدى.دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا خىتاي ئىشچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇرۇشى سەۋەبىدىن بىر ۋەقە كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋەقەدە 18 ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن. (خىتاينىڭ رەسمى مەنبەلىرىدە ئىككى دەپ ئىلىنغان. ئۇيغۇر مەنبەلىرىدە بۇ ساننىڭ ئىككىدىن كۆپ ئىكەنلىكى، يەنى 18 ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە) 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقى بولسا يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە، شۇنداقلا پۈتكۈل شەرقى تۈركىستان دائىرىسىدىكى خەلق شاۋگۈەندىكى ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتىلىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغانلىقتىن كىلىپ چىققان ۋەقەدۇر. بۇ ۋەقەدە يۈزلەرچە قېرىنداشلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى. خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ قېرى ۋە ئۇششاق بالىلاردىن باشقا كىشىلەرنى بۇ ۋەقەگە قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىقىغا قارىماستىن ئۆيلىرىدىن ئىلىپ ماڭغانلىقى كۆرستىلمەكتە. 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقى جەريانىدا بۇ خىل شەكىلدە ئۆيلىرىدىن ئېلىپ كېتىلگەن قېرىنداشلىرىمىزدىن ئەڭ ئاز ئون مىڭ كىشىنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئومۇملاشقان تەربىيەلەش لاگىرلىرى خىتاينىڭ بۇ رايۇندىكى خەلقنىڭ مۇسۇلمان كىملىكىنى تامامەن يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى كۆرسەتمەكتە. ھەر بىرىدە ئون مىڭلارچە ئىنسانلار توپلانغان تەربىيەلەش لاگىرلىرى تامامەن بىر مىڭە يۇيۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئورۇنلىرىدۇر. بۇ لاگىرلاردا تەربىيەلەنگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانى مىليوندىن ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىۋاتىدۇ.
بۇ رايۇندا جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش، رەسمى ئورۇنلاردا (ھازىر ھەممە يەردە، ھەر قانداق ئىنسانغا – ت) رامىزان تۇتۇش چەكلەنگەن. كومىنىست پارتىينىڭ ئېلان قىلغان تەلىماتلىرىدا بۇ رايۇندا مەمۇرى خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ خەلق ئارىسىدا يەرلىك تىل بىلەن ئەمەس بەلكى رەسمى دۆلەت تىلىنى (خىتاي تىلىنى) ئىشلىتىشى، شۇنداقلا كومنىست پارتىيەنىڭ ئىدىلوگىيەسىنى ئۆزىگە نىزامنامە قىلىشى ۋە ھەر خىل ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ بۇ خىل ئىدئولوگىيەنى خەلققە سىڭدۈرىشى تەلەپ قىلىنغان.
تەخمىنەن ئون يىلدا بىر قېتىم تەكرارلىنىۋاتقان بۇ باستۇرۇشلار يەنە قانچىلىكداۋاملىشىدۇ؟ يەنە قەيەرگىچە داۋاملىشىدۇ؟
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا پۈتۈن دۇنيا قۇلىقىنى يوپىرۋىلىش پوزىتسىيەسىدىدۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بۇ مەسىلە كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلمەيۋاتىدۇ. خىتاي ھەر خىل يوللار بىلەن ئۆزىنى رادىكال، بۆلگۈنچى تىرورىستلارغا قارشى تۇرۋاتقان قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھېچكىم خىتاينىڭ بۇ قارلاشلىرىغا ئىشەنمىسىمۇ ئەمما بۇنىڭغا قارشى بىرە ھەركەت قىلغىنىمۇ يوق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى، تىرىشچانلىقلىرى، خىتاي تەرپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرۋاتقان ئىشلارنى دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئېلىپ بىرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى خىتاي ھەر خىل ئاماللار بىلەن يوققا چىقىرىشقا ئۇرنىۋاتىدۇ.تولىمۇ ئىچىنارلىقى شۇكى، بۇ دۆلەتلەر ئارسىدا تۈركىيە ۋە باشقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ بار.
دۇنيا، خىتاينىڭ ياۋۇزلۇقىغا ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىشىغا ياردەم بىرىشى كىرەك. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان ئىشلارنى ئوتتۇرغا قويشىغا پۇرسەت بىرىشى كىرەك. مىديا ۋاستىلىرى بۇ خەۋەرلەرنى دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىشى لازىم.
بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مۈلۈك سېتىۋىلىش ۋە ئىشلەش ھەققلىرىمۇ چەكلەنگەن. مەلۇمات ۋە ئۇچۇرغا ئىرشىش ئەركىنلىكى، ئالاقىلىشىش ئەركىنلىكى، يىغىلىپ نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى دېگەنلەردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ھەتتا جان بىخەتەرلىكى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىدىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
دۇنيا خىتايدىن بۇ ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى كىرەك. ئىنسانلىق تۈگىگەن بىر دۆلەتتە ئىقتىسادىي مەنپەت ھەققىدە ھىساپلىشىپ ئولتۈرغىلى بولامدۇ؟ ئىنسانلىق يوق قىلىنغان يەردە سىتراتىگىيە، سىياسەت ھەققىدە ھىساپلىشىپ ئولتۇرغىلى بولامدۇ؟
خىتايغا كىم بولدى بەس دەيدۇ؟ ئامرىكا، رۇسيە، ياپونىيە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، پۈتۈن دۇنيا خىتايغا قارشى بىرلىكتە ھەركەت قىلىشى لازىم. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى چەكلەنمىسە، ئۇ ھالدا خىتاي، دۇنيا ئۈچۈن كۈندىن – كۈنگە چوڭ بىر تەھدىت بولىدۇ.بۇ يەردىكى مەسىلى پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىكى، تىبەت رايۇنىدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسلىسى ئەمەس بەلكى بۈگۈن بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغانلار ئۈچۈن ئەتە بەك كىچىككەن بولىدۇ.
رىئاللىقنىڭ مۇشۇنداق بولشىغا قارىماي، يۇقىردا زىكىر قىلغان دۆلەتلەر خىتاي تەھدىتىنى توغرا شەكىلدە ئاڭقىرالمىسا، قۇلىقىنى يوپۇرۇپ يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئۇلارغا بىرىدىغان جاۋابىمىز مۇستاپا كامالنىڭ نامىك كامالغا بەرگەن جاۋابىدۇر:
سانجىسۇن دۈشمەن ۋەتەننىڭ باغرىغا خەنجەرلىرىنى
چوقۇم چىقار قۇتقازغۇچى قۇتقۇزۇشقا بۇ قارا كۈنلەردىن ئۇنى.
مەنبە: http://dailyhavadis.com/2018/10/22/dogu-turkistan-meselesine-cozum-dunya-cinden-buyuktur/