تارىخىي نامايىش — ئۈنسىز چۇقان

تۈركىيەدە ئۈنسىز چۇقان ناملىق تارىخىي نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاگىتنلىقى

 

2019-12-21

 

ئابدۇلمەجىد ئەركىن

 

تۈركىيەدە ئۈنسىز چۇقان ناملىق تارىخىي نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. 

20-دېكابىر جۈمە كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ جەمئىيەت < IHH ، ئى خا خا> (ئىنسان ھەقلىرى ۋە ھۆرىيەتلىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى) نىڭ تەشكىللىشىدە تۈركىيەنىڭ 66 شەھەر، ناھىيەسىدە، كۆپىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن، بەزىسىدە شام، بەزىسىدە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن "ئۈنسىز چۇقان" ناملىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. 



 خىتتاي زۇلمىغا قارشى ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئىنسانىي ۋە مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەر ھەر قايسى شەھەردىكى چوڭ جامە، مەيدانلارغا توپلۇنۇپ كوللىكتىپ ناماز قىلغاندىن كېيىن  شەھەر مەركىزىدىكى ئاۋات كوچىلارنى بويلاپ قوللىرىدا كۆك بايراق، مەشئەل، لوزۇنكا ۋە رەسىملەرنى كۆتۈرگەن ھالدا بەزى شەھەردىكىلەر 500 مېتىر، بەزى شەھەردىكىلەر كىلومېتىردىن ئوشۇق يولنى ئۈنسىز ھالەتتە بېسىپ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ باردى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. 

 مەلۇم بولۇشىچە تۈركىيە تەۋەسىدە بۇ نامايىشقا قاتناشقان ئومۇمىي كىشى 100 مىڭدىن ئاشقان بۇلۇپ ھاياجانلىق مەنزىرە بارلىققا كەلگەن. ئىستانبۇلدىن باشقا چوڭ شەھەرلەردە 4 ، 5  مىڭ، كىچىك شەھەرلەردىمۇ 1000دەك كىشى نامايىشقا قاتناشقان. 

ئىستانبۇلدا 30 مىڭدىن ئوشۇق كىشى نامايىشقا قاتناشقان بۇلۇپ ئەڭ ھاياجانلىق كۆرۈنۈش ياراتقان.  

 ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ ۋە مەشھۇر جامەلەردىن بىرى بولغان فاتىھ جامەسىگە توپلانغان كىشىلەر بەيازىت مەيدانىغا بارغۇچە كىلومېتىر سەپ ھاسىل قىلىپ يولنى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندۇرغان. نامايىشقا قاتناشقان بەزى كىشىلەر ئىلگىرى بۇنداق كۆپ ئادەم قاتناشقان نامايىش كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. 

ئى خا خا جەمئىيەت رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم 5 كۈن بۇرۇن توردا ۋېدىئولۇق 3 مىنۇتقا يېقىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، خىتتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش چاقىرىقى قىلغان بۇلۇپ، سۆزىدە خىتتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋە چەتئەلدە زۇلۇمغا قارشى سۆز قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئېغىزىنى يۇمدۇرىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن نامايىشنى ئۈنسىز شەكىلدە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان.  ئادالەت تۇيغۇسى بار ئىنسانلارنىڭ بۇ  نامايىشقا قاتنىشىشىنى تەكىتلىگەن. 

مەلۇم بولىشىچە 22-دېكابىر يەنە بىر قانچە شەھەردە بىر قانچە پارتىيە ۋە جەمىيەتنىڭ تەشكىللىشىدە نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئىلاۋە: 
تىخنىكىلىق سەۋەب تۈپەيلى ۋاقتىدا ئىلان قىلالمىدۇق، ئەپۇ سورايمىز! 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

جاسۇسلۇق خەۋپى تۈپەيلى گېرمانىيە ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى گېرمانىيە خەلقىنى خىتاي ساياھىتىدە ئىھتىياتچان بولۇشىنى ئاگاھلاندۇردى

پە دېكابىر 26 , 2019
گېرمانىيە «سودا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەر ۋە سودىگەرلەرنى خىتاي سەپىرىدە قاتتىق ئىھتىياتچان بولۇشىنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە جاسۇسلۇق خەۋپى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن

You May Like