تالىبان بايدېننىڭ ئافغانىستان تىنچلىق كېلىشىمىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى

تالىبان يېڭى سايلانغان پرېزىدېنت بايدىننىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئىمزالىغان تىنچلىق كېلىشىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇش – ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاياقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى، 2020- يىلى 9- نويابىر
تەرجىمىدە: بىلمەسجان
ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 9- نويابىر

 

تالىبان يېڭى سايلانغان پرېزىدېنت بايدىننىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئىمزالىغان تىنچلىق كېلىشىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇش – ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاياقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

 

ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 29- فىۋرال سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، 2021- يىلى مايدىن بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ش ئا ئە ت قىسىملىرىنى ئافغانىستاندىن «شەرتلىك» چېكىندۈرۈشتىن ئىبارەت ئابىدە خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىنى 13000 دىن 4500 گە قىسقارتىپ، ئافغانىستاندىكى بىر قانچە بازىلىرىنى چېكىندۈردى.

 

تالىبان باياناتچىسى مۇھەممەد نائېم ئامېرىكا ئاۋازىغا مۇنداق دېدى: «كېلىشىم ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئۇنىڭغا ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلمەستىن، پۈتۈشكەن شەكىلدە يولغا قويۇلۇشى كېرەك.»

 

نائېم مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان تىنچلىق مۇساپىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ داۋاملىق يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» ئۇ تالىباننىڭ قاتار پايتەختى دوھادىكى سىياسىي ئىش بىجىرىش ئورنىدا ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

 

كېلىشىم تالىباندىن خەلقئارالىق قىسىملارغا ھۇجۇم قىلماسلىقىنى ھەمدە بازا تەشكىلاتى ۋە «ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ھەرىكەت قىلىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كېلىشىم يەنە تۇنجى قېتىم تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاستە سۆھبەتنى باشلاتقان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئارىسىدىكى كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى ئەمەس.

 

ھازىر دوھا ئافغانىستان ئىچكى تىنچلىق سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ. بۇ سۆھبەت 12- سىنتەبىر باشلانغان بولۇپ، تالىبان ۋە ئافغانىستان سۆھبەتچىلىرى ئارىسىدا تەرتىپ مەسىلىلىرىدە ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ، سۆھبەت ئاساسەن قاتمال ھالەتكە كىرىپ قالغان.

 

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئاشراف غەنى يەكشەنبە كۈنى بايدىننىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ: «چامىمچە كابۇل بىلەن ۋاشنگتوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە تىنچلىق ئورنىتىش مۇناسىۋىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلايدۇ.» دېدى.

 

غەنى تىۋىتتىردا مۇنداق دەپ يازدى: ئافغانىستان ئاساسلىق شېرىكى ئامېرىكا بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە تىنچلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قاتلاملىق ئىستىراتېگىيلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

 

ئافغانىستان ئاۋام پۇقرالىرىمۇ بايدىننىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، مۇقىم ھالەتتىكى تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ھالبۇكى ترامپ يېقىنقى بىر باياناتىدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ روژدېستۋو بايرىمىدىن بۇرۇن چېكىنىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 

بايدىن سايلام مەزگىلىدە، ئۆزىنىڭ سايلىنىپ قالسا ئافغانىستاندا بىر كىچىك كۆلەمدىكى قىسىمنى ساقلاپ قېلىپ، بازا تەشكىلاتى ۋە «ئىسلام دۆلىتى» تېرورچىلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىكى دۆلەتتە ئامېرىكىغا خەۋپ تۇغدۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان دۆلەت قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق قاتنىشىشىغا قارشى تۇرغان ئىدى.

 

بۇ يىل فېۋرالدىكى دېموكراتلار پارتىيىسى نامزاتىنىڭ مۇنازىرىسىدە، بايدىن ئافغانىستاننى «ئىتتىپاقلىشالمايدۇ» دەپ، ئافغانىستانلىقلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

 

قانداقلا بولمىسۇن، تالىبان بارلىق چەتئەل قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئافغانىستاندا ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئۇرۇشنى ئاياقلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا يەنە 4 خوڭكوڭ ئەمەلدارىنى جازالىدى

سە نويابىر 10 , 2020
10- نويابىر رېيتېر ئاگېنتلىقى بېيجىڭدىن مۇنداق خەۋەر بەردى: ئامېرىكىنىڭ يەنە 4 نەپەر خوڭكوڭ ئەمەلدارىنى جازالىغىنىغا قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلىشىشقا ئالاقىدار ھەرىكەتلىرى خەلقئارا قانۇنلارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ، دەپ ئىپادە بىلدۈردى ۋە ئامېرىكىنى بۇ جازانى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

You May Like