تالانتلىق مۇزىكانت ئالىمجان تۇرسۇننى ئەسلەيمىز!

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، تالانتلىق مۇزىكانت ئالىمجان تۇرسۇن 1961-يىلى 10-ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، 2018-يىلى 25-ئاپرېل بېيجىڭدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەممىمىز چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۇق!

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، تالانتلىق مۇزىكانت ئالىمجان تۇرسۇن 1961-يىلى 10-ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، 2018-يىلى 25-ئاپرېل بېيجىڭدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەممىمىز چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۇق!

بىر ئىنساننىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ ئېسىل خاراكتېرى ۋە كىشىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى، خۇشخۇي مىجەزى، دېڭىز كەبى كۆڭلى، ئاۋام-خەلققە قىلغان ياخشىلىقلىرى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. يۇقىرىقى ئېيتىلغان ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئالىمجاننىڭ خاراكتېرىدە مۇجەسسەملەنگەن.

ئالىمجان تۇرسۇن 1975-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1979-يىلى ئوقۇشنى غەلىبىلىك پۈتتۈرۈپ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئۇ 40 يىلغا يېقىن ئوقۇتۇش ھاياتىدا ئېلىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ياش سەنئەتخۇمار نوتىلارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرىنى ئۆگىتىش، ئۇنى كېڭەيتىش ۋە ساقلاپ قېلىشتا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقان. ئالىمجان تۇرسۇن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن سىرت يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىدىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان. 2005-يىلى ئۇنىڭ «غەربىي يۇرتتىكى سېھىرلىك كۈي-راۋاب مۇزىكىسى»، «غەربىي يۇرتتىكى سېھىرلىك كۈي-تەمبۇر مۇزىكىسى» قاتارلىق ناخشا پىلاستىنكىلىرى نەشردىن چىققان. ئوسكار كىنو ئىجادىي مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «يوشۇرۇن تالانت» ناملىق كىنو-فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى ئاۋازغا ئېلىشقا قاتناشقان.

ئالىمجان تۇرسۇن 2009-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە «راۋاب ئورۇنلاش دەرسلىكى»نى تۈزۈپ چىققان، كىتابقا 30 دىن ئارتۇق مۇزىكا مەشىقى ۋە شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇلغان 50 دىن ئارتۇق مۇزىكا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 30 نەچچە ناخشا مۇزىكىسىنى ئۇ ئۆزى ئىجاد قىلىپ تەييارلىغان. بۇ دەرسلىك دۆلىتىمىزدىكى راۋاب كەسپىي دەرسلىكى جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان.

ئالىمجان تۇرسۇن مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىگە، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنلىرىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىگە قاتناشقان. 2013-يىلى شىنجاڭدىكى بىر نەچچە مۇزىكانتلار بىلەن بىرلىكتە داستان مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرۇپ دۆلىتىمىز ئاز سانلىق مىللەت مۇزىكا بايلىقى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكىسىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە كېڭەيتىشتە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ پىروگراممىلىرىغا، 1993-يىلىدىكى ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى، 1997- ۋە 1998-يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئويۇن قويۇش كېچىلىكلىرىگە قاتناشقان. سەنئەت ھاياتىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رۇسىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە، دانىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتكە زىيارەتكە بارغان ھەتتا دۇنياغا داڭلىق مۇزىكا ماكانى ئاۋسترىيەدىكى ۋيېنا ئالتۇن رەڭلىك كونسېرت زالىدا مۇزىكا ئورۇنلاپ، دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ئاز بولمىغان شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. داستان مۇزىكا ئەترىتىنىڭ جامائەت پاراۋانلىق ئويۇنى

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېكىتىدىن ئېلىنغان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تاشقى ئالاقە ئىدارىسىنىڭ يازغان خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:

ئالىمجان مۇئەللىم مەكتەپكە شەرەپ كەلتۈردى.

(فاكۇلتېتىمىز مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تاشقى ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، فاكۇلتېتىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان تۇرسۇننىڭ 2010-يىلى 17-نويابىر مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگونىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوبامانى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدىن كېيىنكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىدا ۋە ئۇندىن بۇرۇنقى رېپىتىس خىزمەتلىرىدە شەخسىي پايدا-زىياننى ئويلىماي، جاپادىن قورقماي، ئۆزىنىڭ كامالەتكە يەتكەن ھۈنىرى ۋە ئۇرغۇپ تاشقان ھېسسىياتى بىلەن ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە كەسپىنى سۆيىدىغان روھىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ماختىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تاشقى ئالاقە ئىدارىسى مەكتىپىمىز ۋە ئالىمجان مۇئەللىمگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.)

ئالىمجان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ ئوچۇق مىجەزى، ساخاۋەتكە تولغان قەلبى، خالىس پەزىلىتى بىلەن بېيجىڭدىكى جامائەتچىلىكنىڭ توي-تۆكۈن ۋە باشقا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق كۈيلىرىنى ياڭرىتىپ كەلگەن.

ئۇ گەرچە بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازى، يېقىملىق مۇزىكىلىرى، خۇشخۇي سۆز-چاقچاقلىرى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياڭرايدۇ! ئۇ ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئىتالىيەلىك مۇزىكانت 4200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ چوققىسىدا پىيانىنو چالدى

سە ماي 1 , 2018
ئەنگلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەلىك مۇزىكانت ئېلىسا تومېللىنى (Elisa Tomellini) ئىتالىيە بىلەن شېۋېيتسارىيەنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان ئاللىپىس تېغىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 14 مىڭ ئىنگلىز چىسى (يەنە تەخمىنەن 4267 مېتىرغا تەڭ) روسا چوققىسىدا پىئانىنو چالغان بولۇپ، بۇ <دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىزدە ئۆتكۈزۈلگەن پىيانىنو كونسېرتى> دەپ ئاتالغان.

You May Like