تاھىرجان، ھارمىغايسىز!

تاھىرجان بىلەن ئىككى يىرىم يىلدىن بىرى تونۇشۇپ، دوستلۇشۇپ، ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ كەلدۇق. ئۇنىڭدىكى سەمىمىيەت، تىرىشچانلىق، پىداكارلىققا قايىلمەن!

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

ئەردەم

 

2019-1-5

 


تاھىرجان بىلەن ئىككى يىرىم يىلدىن بىرى تونۇشۇپ، دوستلۇشۇپ، ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ كەلدۇق. ئۇنىڭدىكى سەمىمىيەت، تىرىشچانلىق، پىداكارلىققا قايىلمەن!

 

تاھىرجان ۋەتەندە ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ خانىم قىزلارنى رىغبەتلەندۈرگەن، ئامرىكىلىق ئەلىس(نازاكەت) ئۆزىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكىنى ئىيتىپ بەرگەن ئىدى. چەتئەلدىمۇ شۇ.

 

« ئادىل نادىر ئىسىملىك تورداشنىڭ ئىنكاسى:
كۆزۇمگە ياش كەلدى …???
ۋەتەندە ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ بىشى ئىدىڭىز ….
چەتئەلدە پۇتۇن ئۇيغۇرنىڭ سەركىسى سىز …ئۇن تۇنسىز خىزمەت ، ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتماسلىقىڭىز ، غەيرەت شىجائىتىڭىز ، جەسۇرلىقىڭىز ….يەنە تالاي تالانتىڭىز …مۇھاجرەتتىكى
قىرىنداشلارغا ئۆلگە بولۇۋاتىدۇ ….غەيرەت قىلىڭ ! يوقاتقانلىرىڭىز يوقاتقانلىرىمىز ئىنشائاللاھ
ئاللاھنىڭ جەننىتىدە بىزنى ساقلاۋاتىدۇ …
سىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئۇتۇق تىلەيمەن
«

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يىڭنە چاغلىق ياخشى ئىشلىرى مەدەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يىزىلدى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىش- ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلدى، بىراق ئۇيغۇر ئاگىنتلىقىنى قۇرغان تاھىرجاننىڭ نۇرغۇن خىزمەتلىرىنى بىلىپ تۇرساقمۇ خەۋەر قىلىپ يازمىدۇق.

 

تاھىرجان باشقىلارنى ماختىدى، ئۆزىنى ماختىشىمىزغا يول قويمىدى. تاھىرجان باشقىلارنى ئىلھاملاندۇردى، ئۆزىنىڭ دەردىنى بولسا ئىچىگە يۇتتى. تاھىرجانغا يىرىم يىلدىن بىرى سىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىڭىزنى ئۆزقولۇم بىلەن يىزىپ چىقاي دېدىم، داۋراڭ سالماسلىق ئۈچۈن قوشۇلمىدى.

 

ئىككى يىلدىن بىرى مەن تاھىرجان تەمىنلىگەن ئۇچۇر، ماتىرىيال ۋە ئالاقە تورلىرى بىلەن نۇرغۇن مۇخبىر، دىپلومات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم، ماتىرىيال سۇندۇم.

 

تاھىرجان گاھىدا سەپرا، گاھىدا سەۋدا، ئۇنىڭ تىلىنىمۇ ئىششىتىپ باقتىم، ئاغىنەدارچىلىقىنىمۇ كۆردۈم. ئۇنىڭدىكى قىزغىنلىق، سەمىمىيلىك كەم تىپىلىدۇ. تۈنۈگۈن تاھىرجان ئۆز ئاغزى بىلەن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە بىرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ، بىراق بۇ ئىشىدىن بەك سۆيۈندۈم!

 

تاھىرجان مەكتەپتە ئوقۇغان مەزگىلىدە ھەممە پەندىن يۇقىرى نۇمۇر ئىلىپ ئوقۇۋاتقان ئىدى، دەۋا ئۈچۈن يىرىم يىل توختايمەن دەپ، بىراقلا بىر يىل توختىدى. دوكىلات، لىكسىيە، لوبىچىلىق، خىزمەتلەرگە
ھەيدەكچىلىك قىلىش تاھىرجاننى كۆپ چارچارتسىمۇ بوشاشمىدى.
تاھىرجان ئۇيغۇر ئاگىنتلىقىنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەرىزگە بوغۇلغاندىن باشقا، نەچچە تۈرلۈك ئىقتىدارلارنىمۇ ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدى، 15 يىل ئاۋال ئۆگەنگەن ئەرەبچىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ماقالە يازدى، مەسجىدلەردە خۇتبە سۆزلىدى. تور بەتلەرنى ياساش ئۈچۈن ئۆزى ۋورد پىرەس ۋە پايسان ئۆگەندى ھەمدە بىر نەچچە تور بەتنى ئۆزى ياسىدى. ئىش ئۇنى ئالدىغا سالدى، ئىش ئۇنى تاۋلىدى، ئىش ئۇنى ھۈنەرگە پىشۇردى.

 

بۇلار پەقەت مەن بىلىدىغان تاھىرجاننىڭ ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىكى بىر پارچە نامايەندىسى، ئۇ ئىدارە قىلىۋاتقان 12 خىل تىللىق ئاگىنتلىق، تىلۋىزىيە قانىلى، خەلقئارا ئۇيغۇرغا كۆڭۈل بۆلۈش مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى، ھەرقايسى لوبىچىلىق، كىشىلىك ھوقۇق، سىياسىي ئەربابلار بىلەن ئالاقە، لىكسىيە، خەلقئارالىق گىزىتلەردە ماقالە، خەلقنى قوزغاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قوللۇق يىتىشىپ كىتىپ بارغانلىقىغا ھەيرانمەن!

 

تاھىرجاننىڭ پىداكارلىقىنى كۆرۈپ ؛« 2018- يىلى ئۇنىڭغا سىز بۇ يىل توي قىلماي تۇرسىڭىز بولامدۇ نېمە، توي قىلىسىڭىز بۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز تەسكە توختايدۇ» دىگەن ئىدىم. 2019- يىلى يەنە شۇنداق دېدىم. 2020- يىلى ئۇنىڭ ئائىلە قۇرۇشىغا، ئىللىق ئائىلەدە چارچىغان جىسمىنىڭ، يالغۇزلۇق ئازابلىرىنىڭ ئارامبەخىشكە ئىرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن!!! ?

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

بىرۇسسىلدا « سۈكۈتنى بۇزۇش» نامايىشى غەلبىلىك تاماملاندى

دۈ يانۋار 13 , 2020
12- يانۋار چۈش سائەت بىردىن تۆتكىچە، بىلگىيە پايتەختى بىرۇسسىلدا بىلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «سۈكۈتنى بۇزۇش» نامايىشى بىرۇسسىل مەركىزىي پويىز ئىستانسىسىدىن باشلىنىپ، لۇكسىمبۇرگ مەيدانىغا قەدەر مارش قىلغان.

You May Like