ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېخى توختىمىدى، ۋەتەن ئازات بولمىدى ، ھەرىكەتلىرىمىز توختىمىسۇن!

بىزنىڭ« ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلدى » دىگەن سۆزىمىز ئىنتايىن نسبي ئىيتىلغان سۆز !


ئۇيغۇرىئان

بىزنىڭ« ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلدى » دىگەن سۆزىمىز ئىنتايىن نسبي ئىيتىلغان سۆز !

دۇنيادا 7 مىليارد ئەتراپىدا ئىنسان بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىسى ئاڭلىمىدى .ئىمكانىيەت نۇقتسدىن ھەممىسگە ئاڭلىتىپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ، قىممەت نۇقتسدىن ھەممىسى ئاڭلاشنىڭمۇ زۆرۈرىيتى يوق، ھەممە دۆلەت، مىللەتلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سياسەتچىلىرى، تەشكىلاتلىرى، ئەقىللىق ۋە بىلىملىك ئالىم تەتقىقاتچىلىرى، كۈچلۈك ۋە پۇلدار بايلىرى، تەسر دائىرسى بار چولپان ۋە تەنھەرىكەتچىلىرى بىلسەيتەرلىك. ئەمما گەرچە نۆۋەتتە قولىمىزدا دۇنياۋى جەمئىيەت تەكشۈرۈش دوكلاتى بولمىسمۇ، شۇ تۈركۈملەر ئىچىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى بىلمەيدىغان ، ئشەنمەيدىغان، ئاڭلسمۇ يۈزەكى ئاڭلىغانلارنىڭ ناھايتى كۆپلۈكى مەلۇم؛ بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، قىلىدىغان ئىشمىز ناھايتى كۆپ!

نۇرغۇن سەمىمى گۇرۇپپىلار ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن بىر سەپتە ، مەن ۋە سەپتاشلار «ئۇيغۇرختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى »، «تور بېكەتچىلىك» ، «تاراتقۇلارغا سۆزلەش»، «سوسيال مدىيا جېڭى»، «لېكسيە ۋە نەق مەيدان سۆزلەش»،«نامايىشلار » «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش»، «خەلقنى گۇۋاھلىققا يتەكلەش»، «گۇۋاھلىق بىرىش »، «ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا خەت يېزىش » خىزمەتلىرىنى 2017 –يىل ئاخىرى 2018-يىل باشلىرى باشلىغان ئىدۇق.
ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىمىز .

نەچچە يۈزلىگەن مېدىيالاردا يۈزلەپ ماقالىلار ، ھۈججەتلىك فىلىملىرىمىز، گۇۋاھلىقىمىز، نامايشلىرىمىز، لېكسيە ۋە ماقالىلىرىمىز دەسلەپكى شۇ ھەرىكەتلىرىمىزدىن خاتىرە سۈپەتتە قالدى . شۇ چاغلاردا يۈزىنى ئىچىپ ئوتتۇرىغا چىققانلارمۇ چەكلىك ئىدى. مەسخىرە قىلغانلار، ئىشنىڭ ئەھمىيتىگە ئىشەنمىگەنلەر، قوللىمىغانلارمۇ بار ئىدى. ختتايلار بۇرۇن بېشنى كۆتەرگەنلەرنىڭ ئۇرۇقتۇققانلىرىغا ئىغىر جازا بەردى، جۈملىدىن مىنىڭ ئاپام، ئىككى ئىنىم (10يىلدىن 15يىلغىچە)، نەۋرە ئىنىم ۋە سڭللىرىم ،تاغاھەدىلىرىم ئىزدىرەكسز يوق قىلىندى. ئۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە، سياسەتچىلەر، لىدىرلار، رەئىسلەر ، داھىيلارمۇ ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى.

نەتىجىدە ئويغانغانلار تېرىشپ ، دۇنيادىكى نوپۇز ۋە كۈچ ئىگىلىرىگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ دائىرسى ۋە پاكىتلىرىنى يۈزلىگەن ئالىملار ۋە مېدىيالار ياردىمىدە تونۇتتۇق، ئەمدىلىكتە، دۇنيانىڭ خىلى قسمى جۇملىدىن 42 دۆلەت ب د ت دا ختتايغا ھىچبولمىسا «ئۇيغۇرلارغا ئىنسانى مۇئامىلە قىل »دەيدىغان، 10دىن ئارتۇق دۆلەت «ختتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى ، ئولىپمپىكنى بايقۇت قىلىمىز ياكى سودىنى چەكلەيمىز »دەيدىغان يەرگە كەلدى.

لېكىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توختىمىدى، ختتاي ۋەتەندە زۇلۇمنى شەكىل ئۆزگەرتىپ مىڭ خىل شەكىلدە داۋام قىلدۇرۋاتىدۇ، بۇنى دۇنيامۇ تېخى تولۇق بىلمىدى.
چۈنكى بىز تولۇق ۋە ئىزچىل ھەرىكەتلەنمىدۇق. بىزنىڭ ئىشمىز ناھايتى كۆپ، خىزمىتىمىز مۈشكۈل!

شۇنداق تۇرۇقلۇق، يېقىندا ئىرقى قىرغىنچلىققا قارشى ھەرىكەتلەرگە ،ختتايغا قارشى ھەرىكەتلەرگە سۇسلۇق ئىغىرلىماقتا، ياكى شەخس ياكى تەشكىلات سەۋەبلىك خەلقىمىز ئۈچۈن سۆزلەشنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە مەنستمەسلىك، سوۋۇپ قىلش، ئۇنۇمى يوق دەپ قاراش ، قىزىزىقماسلىق كۈچەيمەكتە.بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار بولۇشى مۇمكىن،

ئارىمىزدا تېخىچە ختتتاينىڭ ماھىيتنى بىلمىگەنلەر خىلى بار، بىلسمۇ ئويغانمىغان، ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلەر ھىلىھەم كۆپ، ھەرىكەتكە ئۆتسمۇ، ختتايغا قارشى ئالدىنقى سەپئاخبارات، گۇۋاھلىق، سياسى دىپلوماتىيە ساھەسىدە رول ئۆتەۋاتقانلار ناھايتى، ناھايتى ئاز.

ئەمما بىزنىڭ بىر بۇرچىمىز بار، داۋاملىق ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن سۆزلەش، ھەرىكەت قىلىش، ئىزدىنىش، ھەمكارلىشش ! مەيلى قانداق سياسى تەشكىلات، ئىدىئولوگىيە، گۇرۇپپا، دىن ياكى مەزھەپ بولسۇن، ھىچكىم بىزنى ئۆز خەلقىمىز، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتىن توسيالماسلىقى كىرەك، سۇسلاشتۇرماسلىقى كىرەك.

نىمە قىلىمىز دىگۈچىلەرگە خىزمەتلەرنىڭ تۈرلىرى شۇ قەدەر كۆپ، بۇنى تەشكىلى ھەم يەككە ھالەتتە قىلغىلى بولىدىغان شەكىلدە ئورتاقلىشپ كەلدۇق، خىزمەتلەرنىڭ ئۇنۇمى ، تەسرى تۇگىگىنى يوق، ئۇلارنى تاشلىۋەتمەسلىك، بار چارىلەر ئۈسىتىدە ئويلىنىش، ھەمكارلاشقىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشش ، بىر بىرىمىزگە ئىلھام ۋە مەدەت بىرىش. مەسئۇلىيتىمىز بار!
قىرغىنچىلىق توختىمىدى، ۋەتەن ئازات بولمىدى، ۋەتەندىكى خەلقىمىز بىر ئاللا ۋە بىزدىنلا ئۈمىد كۈتىدۇ، ئۇلارنى تاشلىۋەتمەيلى، ۋەتەننى تاشلىۋەتمەيلى!
2022-
يىلى،18-يانۋار

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تىللىق گۇماشتىلىرى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى رەت قىلىپ تارىخى جىنايەت ئۆتكۈزدى

چا يانۋار 19 , 2022
يېقىندا خىتاينىڭ خەلق تورىدا <<تۈركىيەدىكى شىنجاڭلىقلار ئالاقىدار يالغان گەپلەرگە رەددىيە بەردى ماۋزۇلۇق بىر خەۋەر ئېلان قىلىغان .خەۋەردە تۈركىيەدە ياشايدىغان بىر قىسىم مىللى مۇناپىقلار بەس-بەستە خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى رەت قىلىپ ،ئۇيغۇر خەلقى ئالدىدا ،تارىخ ئالدىدا كەچۈرەۈسىز جىنايەت ئۆتكۈزدى.

You May Like