Home » ئ‍سلام دۇنياسنىڭ ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋەتكەنلىكىگە ئائىت رەسم 2 مىلىيون قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن.

ئ‍سلام دۇنياسنىڭ ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋەتكەنلىكىگە ئائىت رەسم 2 مىلىيون قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن.

by uyghurtimesuyghur
ئۇيغۇرلار ۋە پەلەستىن

(مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئ‍سلام ئ‍ۆچمەنلىكى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق)

مۇھسن، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-ئۆكتەبىر

يېقىندا تېۋىتتر (Twitter) ( ھازىرقى ئ‍سمى ئەكىس ( X)) دا تارقالغان بىر پارچە رەسم كۈچلۈك تەسر قوزغىدى. مەزكۇر رەسىمدە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ-زارىغا پەرۋا قىلماي، پەلەستن تەرەپتىلا تۇرغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى سياسى رىئاللىقنى نامايەن قىلغان.

پەقەت ئادىريان زىنىز يوللىغان بىر نۇسىخسىنىلا 1 مىلىيوندىن ئارتۇق ئادەم كۆرگەن.

ئىنكاسلار ئىچىدە مۇنداق يازغانلار بار:

«ختاي كۈچلۈك بولغاچقا، «مۇسۇلمانلار ختاي بىلەن دۈشمەنلىششنى خالىمايدۇ.»

«ئۇيغۇرلاردىن ھىچقانداق نەپ چىقمىغاچقا شۇنداق قىلىشى توغرا »

«ئۇيغۇرلارغا ئ‍سلام دۇنياسى ئەمەس، غەرپ ياردەم بەرسۇن»

«ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى تىرورچى، شۇڭا بىز مۇسۇلمانلار دۇنياسى تىرورچىلار بىلەن بىر سەپتە ئەمەس.»

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment