‎شۈ چى لىياڭ سەزگۈر ۋاقىتتا زىيارەتكە كەلدى. پاكىستان «شىنجاڭ» (ش ت) مۇستەقىلچىلىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ۋەدە بەردى.

‎ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ كەشمىر مەسىلىسى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ مەركىزى ھەربىي كومتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چى لىياڭ 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىسلام ئابادقا زىيارەتكە باردى. پاكىستان پىرىزدىنتى ئالۋى كۈتىۋېلىش مەيدانىدا «شىنجاڭ» (ش ت) مۇستەقىلچىلىرى «تىرورلۇق كۈچلىرى» نى تىلغا ئالدى ۋە ۋەدە بەردى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى : سايئوغلى

2019-8-29

شۈ چى لىياڭ سەزگۈر ۋاقىتتا زىيارەتكە باردى. پاكىستان «شىنجاڭ» (ش ت) مۇستەقىلچىلىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ۋەدە بەردى.

‎ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ كەشمىر مەسىلىسى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ مەركىزى ھەربىي كومتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چى لىياڭ 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىسلام ئابادقا زىيارەتكە باردى. پاكىستان پىرىزدىنتى ئالۋى كۈتىۋېلىش مەيدانىدا «شىنجاڭ» (ش ت) مۇستەقىلچىلىرى «تىرورلۇق كۈچلىرى» نى تىلغا ئالدى ۋە ۋەدە بەردى.

‎ئۇنۋىرسال ئاخباراتنىڭ 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى دوكىلاتىدا: خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە قىسمىنىڭ ئورگان تەرىپىدىن بىرىلگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پاكىستان پىرىزدىنتى ئالۋى ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى  ئىمران خان 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شۈ چى لىياڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ‎ئالۋى ھازىرقىدەك پەيتتە پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە تىنىچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ‎ئۇ يەنە خىتاينىڭ پاكىستاننىڭ ئەڭ ياخشى دوستى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ تۇرۇپ، پاكىستاننىڭ كاتتا مەنپەئەتىگە تاقىشىدىغان مەسىلىلەردە خىتاينىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ پاكىستاننى قوللىغانلىقى ۋە چوڭ پۇرسەتلەرنى بەرگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا خىتاينىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىنى جەزمەن قوغدايلىقانلىقى ۋە «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى» قاتارلىق «تىرورلۇق» كۈچلەرگە زەربە بىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، خىتاينىڭ پاكىستان زېمىنىدىكى پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ‎ئىمران خان بولسا شۈ چى لىياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ تەقدىرىنىڭ مۇجەسسەملىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوسلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ۋاقىت ۋە خەلقئارا بوران چاپقۇنلىرىنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، پاكىستان تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا كارىدورىنى قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقىرىشنى ۋە خىتاي بىلەن بىرلىكتە دۇچ كېلىدىغان تەھدىت ۋە رىقابەتلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ‎شۈ چى لىياڭ خىتاي پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ھېچ ئوخشىشى بولمىغان، ھەر زامان جەڭلەردە ياردەمگە تەييار ھالەتتە تۇرىدىغان، بىربىرىگە ياردەم قىلىشتا «ئاكا ئۇكىدەك» يېقىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ماختىدى، شۇنداقلا خىتاي تەرەپنىڭمۇ پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆز رايۇنلىرىنىڭ تىنىچ ئامانلىقىنى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەنبە: http://news.dwnews.com/global/news/2019-08-28/60147146.html

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

«بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتى: مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار قانداق تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قانداق ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى؟

پە ئاۋغۇست 29 , 2019
مىسىردىكى مۇھاپىزەتچىلەر پارتىيسى «بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتىدە بايانات بىرىپ مىسىر ھۆكۈمەت دائىرلىرىدىن مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قانداق تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكنىڭ سەۋەبى توغۇرلۇق ئېنىق بىر ئوچۇقلىما بىرىشنى تەلەپ قىلدى .

You May Like