شىۋىتسارىيەدە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى

شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىدە لاگېر شاھىدى سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە گېرمانىيەلىك يازغۇچى ئالېكساندرا كاۋېلىيۇس خانىملارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شىۋىتسارىيەلىكلەرگە شەرقى تۈركىستان، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى.

 

شىۋىتسارىيەدە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى

 

 

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنلىقى 10.دېكابېر

 

 

شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىدە لاگېر شاھىدى سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە گېرمانىيەلىك يازغۇچى ئالېكساندرا كاۋېلىيۇس خانىملارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شىۋىتسارىيەلىكلەرگە شەرقى تۈركىستان، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى  تونۇشتۇرۇلدى.

 

بۇ قېتىمقى پائالىيەت 9- دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇش كۈنى ۋە 10 -دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ئاساسلىق تېما  شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۇمۇمىي ۋەزىيىتى ۋە غەرپ دۇنياسى بولۇپمۇ ياۋروپا نىمىلەرنى قىلالايدۇ  ۋە قىلىپ بېرەلەيدۇ دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلدى.

 

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن كۈنلەر ئىچىدە شىۋىتسارىيەدە ئۆتكۈزگەن  4-  قېتىملىق چوڭ تىپتىكى پائالىيىتى بولۇپ ،يېقىنقى مەزگىللەردە شىۋىتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرى جانلانماقتا. شىۋىتسارىيە پارلامېنتى ۋە شىۋىتسارىيەنىڭ ھەر قايسى كانتونلىرىدا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ۋە شىۋىتسارىيەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئېتراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك لوبىچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ شىۋىتسارىيەنىڭ ئاسىيا مەدەنىيەت مەركىزى بولسا شىۋىتسارىيەدىكى تىبەت،ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان ۋە ئۇلار ئۈچۈن داۋاملىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان، يەرلىكلەردىن  تەشكىللەنگەن تەشكىلاتلاردىن بىرى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىمۇ بۇ تەشكىلات شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرى ئاساسلىقى شىۋىتسارىيەنىڭ زۇرىخ ۋە  

ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان ژورنالىستلار ۋە سىياسى پائالىيەتچىلەر ئىدى.

 

لوندوندا ئېچىلغان ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىق قارارى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەتتە

قاتناشقۇچىلارغا ئالدى بىلەن شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ،شۇنداقلا ئاتالمىش شىنجاڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىلدى.  پائالىيەت جەريانىدا يەنە 9- دېكابېر ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىق كۈنىمۇ خاتىرلەندى.

يىغىن رىياسەتچىسى دانىئال ئەپەندى شىنجاڭ نامىنىڭ خىتايچىدا يېڭى چېگرا،ياكى يېڭى تۇپراق ئىكەنلىكىنى ،خىتاي ئىشغالىدىن كېيىن شەرقى تۈركىستانغا شىنجاڭ نامىنىڭ زورلاپ تېڭىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

 

پائالىيەت ئاخىرىدا سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە ئالېكساندرا كاۋېليۇس خانىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بەس- بەستە سورىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ پاجىئەلەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

بۇ  جەرياندا سورالغان سوئاللارنىڭ ئىچىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا قارىتا سۈكۈتنى ياكى خىتاي تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىشى ئەڭ كۆپ ئورۇن ئالدى ۋە بەزى قاتناشقۇچىلار ھازىرغىچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ نىمىشقا سۈكۈتنى ياكى خىتاي تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارىتا قانداق بىر يول خەرىتىسى ئىزدەيدىغانلىقىنى كۈزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى.

 

پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئەڭ كۆپ سورىغان  يەنە بىر قىزىق تېما خىتاي روسىيە مۇناسىۋىتىدىكى شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى خىتاينىڭ مەيدانى ھەققىدىكى تالاش –تارتىش بولدى.  ئالېكساندرا خانىم بۇ ھەقتە خىتاي ۋە روسىيەنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىشغال تارىخىدا تۇتقان ئورنى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ،روسىيە –ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ دېموكراتىيە بىلەن دېكتاتۇرلۇقنىڭ،رەزىللىك بىلەن ئادالەتنىڭ كۈرۈشىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ،شۇڭا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئۇكرائنانىڭ غەلبىسى ئوخشاشلا خىتاينىڭ مەغلۇبىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

پائالىيەت سايراگۈلنىڭ ئۆزى يېزىپ ئۆزى ئاكورتلاشتۇرغان ۋە ئۆزى ئېيتقان ناخشىسى بىلەن ئاياغلاشتى.پائالىيەت ئاخىرىدا قاتناشقۇچىلارغا ئۇيغۇرچە تاتلىقلار سۇنۇلدى ۋە بۇندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.

 

 

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستانغا مەدەت بېرىش نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

دۈ دېكابىر 12 , 2022
ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستانغا مەدەت بېرىش نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

You May Like