شىۋېتسارىيە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگو سىياسەتلىرىنى قوللاشنى قارار قىلدى

شىۋېتسارىيە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگو سىياسەتلىرىنى قوللاشنى قارار قىلدى

 شىۋېتسارىيە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگو سىياسەتلىرىنى دەستەكلەشنى قارار قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28-فېۋرال

ئارمان

BBC تورىنىڭ 28-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بىتەرەپ دۆلەت شىۋېتسارىيە بىر قانچە كۈنلۈك ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان بارلىق ئېمبارگو سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 336 نەپەر رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى بانكا ھېساباتىنى توڭلىتىدىكەن. ئاشكارا بولۇشىچە، شىۋېتسارىيە بانكىسىدا رۇسىيەنىڭ ساقلانغان نەچچە يۈز مىليونلۇق دوللار قىممىتىدىكى مەبلىغى بار ئىكەن. 

ئۇنىڭدىن سىرت شىۋېتسارىيە ھاۋا تەۋەلىكىمۇ رۇسىيەگە قارىتا بۈگۈندىن باشلاپ ئېتىۋېتىلىدىكەن.

شىۋېتسارىيە پرېزىدېنتى Ignazio Cassis بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن:« ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئەركىنلىك بىلەن دېموكراتىيەگە تاجاۋۇز قىلغانلىق بىلەن باراۋەر، بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. تاجاۋۇز قىلمىشى ئالدىدا بىتەرەپلىك مەۋجۇت ئەمەس، شىۋېتسارىيە تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان «جەنۋە ئەھدىنامىسى» دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغاندا ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ» 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپاغا كىرىش ئىلتىماس خېتىگە قول قويدى

دۈ فېۋرال 28 , 2022
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپاغا كىرىش ئىلتىماس خېتىگە قول قويدى

You May Like