ئامېرىكا تۈركىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بەرمەكچى

18 – دېكابىر بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە 3.5 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھاۋا مۇداپىئە قۇراللىرىنى سېتىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان. ئامېرىكا جەمئىي 140 دانە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇنىڭغا سەپلەنگەن رادار، باشقۇرۇش ۋە قويۇپ بېرىش ئەسلىھەلىرىنى تۈركىيەگە سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

كوررېكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-19

  18 – دېكابىر بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە 3.5 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھاۋا مۇداپىئە قۇراللىرىنى سېتىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان. ئامېرىكا جەمئىي 140 دانە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇنىڭغا سەپلەنگەن رادار، باشقۇرۇش ۋە قويۇپ بېرىش ئەسلىھەلىرىنى تۈركىيەگە سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان.   بەش بۇرجەكلىك بىنا بۇ قۇراللارنىڭ تۈركىيە ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسىنى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈرىدىغانلىقى، ھاۋا ھۇجۇمى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقا ھۇجۇملارغا قايتۇرما زەربە بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.   ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىشى ئاساسلىقى تۈركىيەنىڭ روسىيەدىن «S-400» تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى سېتىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، روسىيەنىڭ قۇراللىرىنى سېتىۋىلىش ناتونىڭ ھەمكارلىق نىزامىغا خىلاپ ئىكەن. بىراق روسىيە باياناتچىسى دىمىترى بىكسوف ئىككى ئىشنىڭ ئايرىم- ئايرىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيە بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمگە ئاساسەن تۈركىيەگە سېتىپ بىرىلىدىغان قۇراللار كىلەر يىلىدىن باشلاپ يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن. 2015- يىلى، ناتوغا ئەزا دۆلەت تۈركىيە خىتايدىن «قىزىل بايراق9» تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سېتىۋالماقچى بولغان، لېكىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو ئەزالىرىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشى بىلەن «قىزىل بايراق 9» دىن ۋاز كەچكەن. 2017- يىلى 12- ئايدا، تۈركىيە روسىيەدىن «S-400» نى سېتىۋالماقچى بولغان. بىراق، ئوخشاشلا كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىغان.   ناتو ئەمەلدارلىرىنىڭ تۈركىيەنى ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر تۈركىيە جاھىللىق بىلەن ئىش قىلسا، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىدىن « F-35» تىپلىق 5- ئەۋلاد كۆرەشچى ئايروپىلاننى سېتىۋالالمايدىغانلىقى، ھەتتا رىجىمغا ئۇچرىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.   ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ قۇرال سېتىپ بېرىش ئىلتىماسىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، بۇ كېلىشىم تۈزگەنلىك ھىسابلانمايدىغانلىقى، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭمۇ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.   ئۆتكەن ئايدا تۈركىيە روسىيە بىلەن تۈزۈشكەن توختامنى بىكار قىلىۋىتىشكە بولمايدىغانلىقى، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سېسىتىمىسىنى كۈچەيتىشكە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.  تۈركىيە تەرەپ يەنە مۈمكىن بولسا ئامېرىكا ۋە روسىيە ھەر ئىككىسىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋىلىش ئىھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىيىتقان.   پايدىلانغان مەنبەلەر: https://www.al-akhbar.com/World/263483/%D9%88%D8%A7%D8%B4%D9%86%D8%B7%D9%86-%D8%AA%D9%82%D8%B1-%D8%B5%D9%81%D9%82%D8%A9-%D8%A8%D8%A7%D8%AA%D8%B1%D9%8A%D9%88%D8%AA-%D9%84%D8%A3%D9%86%D9%82%D8%B1   https://www.skynewsarabia.com/world/1209998-%D8%B1%D8%BA%D9%85-%D8%A7%D9%84%D8%B5%D9%81%D9%82%D8%A9-%D8%A7%D9%84%D8%A7%D9%94%D9%85%D9%8A%D8%B1%D9%83%D9%8A%D8%A9-%D8%B1%D9%88%D8%B3%D9%8A%D8%A7-%D9%85%D8%A7%D8%B6%D9%8A%D8%A9-%D8%A8%D9%8A%D8%B9-%D8%B5%D9%88%D8%A7%D8%B1%D9%8A%D8%AE-%D9%84%D8%AA%D8%B1%D9%83%D9%8A%D8%A7    https://www.aljazeera.net/programs/newsreports/2018/12/19/%D9%87%D9%84-%D8%AA%D8%AA%D9%86%D8%A7%D9%81%D8%B3-%D8%B5%D9%81%D9%82%D8%AA%D8%A7-%D8%B5%D9%88%D8%A7%D8%B1%D9%8A%D8%AE-%D9%85%D9%88%D8%B3%D9%83%D9%88-%D9%88%D9%88%D8%A7%D8%B4%D9%86%D8%B7%D9%86-%D9%84%D8%A5%D8%B1%D8%B6%D8%A7%D8%A1-%D8%AA%D8%B1%D9%83%D9%8A%D8%A7

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

2018-يىلى ئۇيغۇرلارغا ئائىت 10پارچە رەسم

چا دېكابىر 19 , 2018
ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى ئادىل ۋە ئوبىكتىپ پاكىتلار ئاساسدا شۇ يىلدا ئەڭ تەسرلىك ياكى كۆپ كۆرۇلگەن ، مەلۇم رىئاللىقنى كۇچلۇك ئەكىس ئەتتۇرگەن،ئەستە قالارلىق سۇرەتلەرنى تاللاپ ئىلان قىلدى. 1-مانا بۇ جازا لاگىرى !

You May Like