تونۇلغان يازغۇچى، جامائەت ئەربابى شرىپ خۇشتار 100يېشدا ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتتى! تەرجىمھالى

2022-يىلى 26-ئاۋغۇست تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلور يازغۇچىسى، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، جامائەت ئەربابى شىرىپ خۇشتار ئەپەندى ئۈرۈمچىدە 100يېشدا ئالەمدىن ئۆتتى.

تونۇلغان يازغۇچى، جامائەت ئەربابى شرىپ خۇشتار 100يېشدا ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتتى! تولۇق تەرجىمھالى

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،26-ئاۋغۇست،2022-يىلى

 

2022-يىلى 26-ئاۋغۇست تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلور يازغۇچىسى، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، جامائەت ئەربابى شىرىپ خۇشتار ئەپەندى ئۈرۈمچىدە 100يېشدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى

 

شېرىپ خۇشتار ئەپەندىم ئۈمۈرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدە ئۆزىگە خاس تەتقىقات ئۇسۇلى، يېزىقچىلىق ئۇسلوبى ۋە نەزىرىيۋىي كۆز قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ،ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا تېنىم تاپماي دالا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، خەلق ئارىسىدىكى تارىخى پاكىتلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا، ئىنسانشۇناسلىقنىڭ دالا تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان. يېزىقچىلىقتا، تارىخى چىن ۋەقەلەرنى تەزكىرە ئەدەبىياتى ئۇسلوبىدا بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تەزكىرە ئەدەبىياتنىنىڭ نەمۇنىسىنى ياراتقان. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى توغرىسىدىكى قاراشلىرى مۇناسۋەتلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخ تەتقىقاتىدا نوپوزلۇق كۆز قاراش ۋە نەزىرىيەگە ئايلانغان؛

ئۇنىڭ «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»ناملىق ئەسرى شۇ ساھەدىكى مۇھىم كىتاپلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان

ئۇ يەنە«شنجاڭ (ئۇيغۇر)تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەر »ناملىق كىتاۋى بىلەنمۇ تارىخى شەخسلەرنى يورۇتۇپ بەرگەن؛

 

كەسپداشلار ۋە خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشى

 

2012-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئىتىپاق يولىدىكى ھايات چايخانىسىدا،  جامائەت ئەربابى، تارىخشۇناس، مەدەنىيەتشۇناس، تەزكىرىشۇناس ئەدىب شېرىپ خۇشتار ئەپەندى مەۋلۇتىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە كۈنىدە تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

 مىجىت ناسىر، ئابدۇكېرىم راخمان، ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى قاتارلىق پېشقەدەم جامائەت ئەربابلىرى شېرىپ خۇشتار ئەپەندىمنىڭ 90 ياشقا كىرگەن قۇتلۇق خاتىرە كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۆمۈرىگە بەرىكەت تىلىگەن

 

ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندى شىرىپ خۇشتار ئەپەندىگە ئىلچى شىركىتى لايھىلىگەن بىر 

يۈرۈش توننى كىيدۈرگەن. رەسسام غازى ئەھمەت ئەپەندى يېقىندا نەشىر قىلدۇرغان قىممىتى 1200يۈەنلىك ھايات ۋە ئىجادىيەت ئەلبومىنى شىرىپ خۇشتار ئەپەندىگە خاتىرە سۈپىتىدە سوۋغا قىلغان. شائىر ئىمىن ئەخمىدى شىرىپ خۇشتار ئەپەندىگە ئاتاپ يازغان شېئىرىنى ئوقۇغان. ئابدۇراخمان ئەبەي، ئادىل مۇھەممەت تۇران، مەمتىمىن ھۇشۇر، قۇربان مامۇت ، پولات ھېۋىزۇللا قاتارلىق يازغۇچى-ئەدىبلەر ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى شرىپ خۇشتار ئاكىنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرلىك بولۇشنى تىلەيدۇ،ئائىلىسى ۋە دوسلىرىغا سەۋر تىلەيدۇ.

 

 

 

 

.

 

Uyghur Reporter

Next Post

ئۇيغۇر ۋاسكېتبولچى شرئەلىجان ختتاينىڭ نەنجىڭ توڭشى ۋاسكتبول كۇلۇبى تېرىنىرى بولدى!ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەر ۋەتەن سرتىگە چىقالمايدۇ.

جۈ ئاۋغۇست 26 , 2022
ختتاي كومپارتىيەسنىڭ زۇۋانى بولغان خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،نوپۇزلۇق ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى شرئەلىجان   داڭلىق كۇلۇبى نەنجىڭ توڭشى ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، شۇ كۈندىن باشلاپ شىرئەلىجان مۇختەر كۇلۇب بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قوشۇمچە توپچى سالاھىيىتىدە بولىدىكەن

You May Like