سەئۇدى نېفىت شىركىتى خىتاي بىلەن 12مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەبلەغ سېلىش توختامى تۈزىدى

سەئۇدى نېفىت شىركىتى خىتاي بىلەن 12مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەبلەغ سېلىش توختامى تۈزىدى

سەئۇدى نېفىت شىركىتى خىتاي بىلەن 12مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەبلەغ سېلىش توختامى تۈزىدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 28-مارت

«ئەلجەزىرە» تورى 28-مارت خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىتچىلىك شىركىتى  «سەئۇدى ئارامكو» دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ خىتاي بىلەن ئىككى تۈردە زور سوممىلىق مەبلەغ سېلىش توختامىنى تۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.

بىرىنچى توختامنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، «سەئۇدى ئارامكو» شىركىتى 2026-يىلىغا بارغۇچە خىتاينىڭ شەرقى شىمال رايونىدا سېلىنماقچى بولغان كەڭ كۆلەمدىكى نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا مەبلەغ سالماقچى بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 12 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. مەزكۇر زاۋۇت ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن كۈندىلىك نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارى 30 مىڭ تۇڭغا، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3مىليون 650مىڭ توننىغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، سەئۇدى نېفىت شىركىتى بۇ تۈردە 30 پىرسەنتلىك پاي چەك كونتروللۇقىغا ئىگە بولىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە «سەئۇدى ئارامكو» شىركىتى خىتاينىڭ «رۇڭ شېڭ نېفىت شىركىتى» (Rongsheng Petrochemical Co) بىلەن 3،6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى يەنە بىر توختامنى ئىمزالىغان بولۇپ، توختام بويىچە سەئۇدى شىركىتى «رۇڭ شىڭ »شىركىتىنىڭ 10 پىرسەنتلىك پېيىنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، خىتايغا كۈنىدە 480مىڭ تۇڭ ئەتراپىدا خام نېفىت ئېكسپورت قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

«گېرمانىيە ئاۋازى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 28-مارت خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باش ۋەزىرى مۇھەممەت بېن سالمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، سۆھبەت جەريانىدا شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى پەيتتە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، شۇنداقلا داۋاملىق تۈردە يادرولۇق مەنپەئەتلەرگە تاقىشىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. مۇھەممەت بېن سالمان سۆزىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قازاقىستان پرېزىدېنتى ئاتالمىش «شىنجاڭ» سېكرېتارى بىلەن كۆرۈشكەن

سە مارت 28 , 2023
قازاقىستان پرېزىدېنتى ئاتالمىش «شىنجاڭ» سېكرېتارى بىلەن كۆرۈشكەن

You May Like