قارلۇق: ئۇيغۇرلار «پەرقلىق» بولغاچقا كەمسىتىلدى

ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناسى ئابدۇرەشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى ئاسىيا خەۋەرلىرى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «چۈنكى ئۇلار «باشقىچە» مىللەت ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋى دۆلىتىنى قۇرۇشقا تەييار».

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2020-3-5

 

ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناسى ئابدۇرەشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى ئاسىيا خەۋەرلىرى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «چۈنكى ئۇلار «باشقىچە» مىللەت ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋى دۆلىتىنى قۇرۇشقا تەييار».

 

تۆۋەندىكىسى قارلۇق ئەپەندى بىلەن ئاسىيا خەۋەرلىرى مۇخبىرى ئوتتۇرىسىدا بولغان تولۇق سۆھبەت:

 

مۇخبىر : پىروفېسسور قارلۇق ، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان باستۇرۇلۇشقا ئائىت يېڭى ھۆججەتلەر ۋە ئۇچۇرلار چىقتى. سىزچە ئۇلار ئىشەنچلىكمۇ؟

 

قارلۇق : يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئۇچرايدىغان رېئاللىقىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىيۇروكرات ئەنئەنىسى بويىچە ، يازما بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمىلەر ئەمەلىيەتتە يولغا قويۇلغانغا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شارائىتى ھازىرغىچە تەسۋىرلەنگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق. يەرلىك پارتىيە رەھبەرلىرى ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە شىزاڭداتېخىمۇ ئېغىر باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى خۇشال قىلىدۇ ۋە كەسپىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

 

مۇخبىر: نۇرغۇن كۈزەتكۈچىلەر ، ج ك پ نىڭ رايوننىڭ ئىسلام ئەنئەنىسىنى يوقاتماقچى ئىكەنلىكىنى ، چۈنكى ئۇلار خىتاينىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي مۇقىملىقىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ كوممۇنىست دائىرەلىرىنىڭ نىشانىمۇ؟

 

قارلۇق : خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن قىرغىن قىلىش ياكى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئەمەس. خىتايدىكى كۆپ سانلىق مىللەت بولغان خەنزۇلار پەلسەپىسى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ خىللىق ۋە تەڭ مەۋجۇتلۇقنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىر كۇڭزىچە كونا ماقال بار: « تىلى ياتنىڭ دىلى يات». ج ك پ زاڭزۇلار ، موڭغۇللار ، خىرىستىيانلار ، فالۇنگۇڭ ئەزالىرى ۋە ئومۇمەن بارلىق ياتلارغا قارىتا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى ئوخشاش.

 

كۇڭزى ئەنئەنىسىدە ، پەرق بىر تەھدىت. ج ك پ نىڭ تەپەككۇرى كۇڭزىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇستەبىت بولۇپ ، ئۇيغۇرلارنى خەتەر دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار «باشقىچە» مىللەت ، ئۆزىنىڭ زامانىۋى دۆلىتىنى قۇرۇشقا تەييار ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت پايدىلىنىش سىستېمىسى بار. خىتايدا خۇيزۇلارمۇ مۇسۇلمان ، ئەمما پارتىيە ئۇلارنى خەتەرلىك دەپ قارىمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار كۇڭزى پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ «خىتايلىقىنى» نى قوبۇل قىلغان.

 

مۇخبىر : خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟

 

قارلۇق : بېيجىڭ تەھدىت ۋە چىرىكلىك ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكىتىنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈردى. ئېتنىك ، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى باغلىنىش سەۋەبىدىن ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى قەلبىدە بولۇشى كېرەك بولغان تۈركىيە ئۈچۈنمۇ شۇنداق. ئەنقەرە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ قارىلىدىغان باستۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك.

 

مەنبە: http://www.asianews.it/news-en/Karluk:-Uyghurs-discriminated-because-they-are-»different»-49451.html

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئىران تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ سابىق مۇشاۋۇرى كورۇنا ۋىرۇسى تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتتى

پە مارت 5 , 2020
شۇ جاي ۋاختى پەيشەنبە كەچ ئىران تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان خەۋەردە ، ئىران تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جاۋاد زەرىفنىڭ سابىق مۇشاۋۇرى شەيخۇل ئىسلام ھۈسەيىن كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن .

You May Like