پۇتىن يادرو قوراللىرىنى چەكلەش شەرتنامىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

پۇتىن يادرو قوراللىرىنى چەكلەش شەرتنامىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

 پۇتىن يادرو قوراللىرىنى چەكلەش شەرتنامىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 21-فېۋرال

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇز ئۇرۇشىنىڭ بىر يىللىقى ھارپىسىدا پرېزىدېنت پۇتىن سەيشەنبە كۈنى (21-فېۋرال) قىلغان دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش نۇتقىدا موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىدا تۈزۈلگەن «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى» دىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، پۇتىننىڭ مەزكۇر شەرتنامىدىن چېكىنىشى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم يادرو تەھدىتى سالغىنى بىلەن باراۋەر بولىدىكەن. پۇتىن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: « مەن بۈگۈن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسىنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى جاكارلايمەن. بىلىشىمىزچە ۋاشىنگتوندىكى بىر قىسىم كىشىلەر يادرو قورال سىناقلىرىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ، شۇ سەۋەبتىن رۇسىيە دۆلەت مىنىستىرلىقى تەۋەسىدىكى يادرو قورال تارماقلىرى رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك…ئەلۋەتتە بىز سىناقنى ئاۋۋال قىلمايمىز، ئەگەر ئامېرىكا سىناق ئېلىپ بېرىشنى باشلىسا بىزمۇ باشلايمىز.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بلېېنكىن پۇتىننىڭ باياناتىغا قارىتا مۇنداق دېگەن: « رۇسىيەنىڭ مەزكۇر شەرتنامىدىن چېكىنىشى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشتۇر، بىز ھەر ۋاقىت رۇسىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىمىز، ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا دۆلىتىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئۆتەيمىز.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

« تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» يورۇق كۆردى!

چا فېۋرال 22 , 2023
« تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» يورۇق كۆردى!

You May Like