پۇتىن كرېمىل سارىيىدا ۋاڭ يىنى كۈتۈۋالدى

پۇتىن كرېمىل سارىيىدا ۋاڭ يىنى كۈتۈۋالدى

 پۇتىن كرېمىل سارىيىدا ۋاڭ يىنى كۈتۈۋالدى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 22-فېۋرال

خەلقئارا خەۋەر مېدىئالىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمېر پۇتىن 22-فېۋرال كرېمىل سارىيىدا خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ۋاڭ يىنى كۈتۈۋالغان. دېيىلىشىچە بۇ پۇتىننىڭ كرېمىل سارىيىدا تۇنجى قېتىم دۆلەت رەھبىرى بولمىغان چەتئەل دىپلوماتىنى كۈتۈۋېلىشى ئىكەن.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، كۆرۈشۈشتە پۇتىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 200 مىليارد دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى ئېتىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى «يېڭى ساھە» گە قەدەم قويدى دەپ تەرىپلىگەن. 

كۆرۈشۈشتە ۋاڭ يى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ خەلقئارا داۋالغۇش ۋەزىيەتتە يەنىلا مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ :«مۇناسىۋىتىمىز تەيشەن تاغلىرىنىڭ ئۇيۇل تاشلىرىدىنمۇ بەكرەك مۇستەھكەم» دېگەن. ئۇ يەنە رۇسىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ دەپ ئالاھىدە تىلغا ئالغان. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە ۋاڭ يى تىلغا ئالغان ئۈچىنچى تەرەپ ئېنىق ھالدا ئامېرىكىغا قارىتىلغان ئىكەن.

ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈشىدىكى مېدىئالارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئەڭ قىزغىن نۇقتا: رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن شى جىنپىڭ نىڭ بۇ يىل باھار ئايلىرىدا رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشىنى جاكارلىشى بولۇپ،  تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ ھال ئىككى دۆلەتنىڭ غەربكە قارشى ھەقىقىي تۈردىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنىڭ سىگنالى ئىكەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتايدىن باشقا دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى

چا فېۋرال 22 , 2023
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتايدىن باشقا دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى

You May Like