پومپىئو ئىتالىيەنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو ئىتالىيەنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىگە دىققەت قىلىش، خىتاينىڭ ئىتالىيە كۆچمە تورىغا شەكىللەندۈرگەن دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازى، 2020-09-30
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-09-30

 

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو ئىتالىيەنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىگە دىققەت قىلىش، خىتاينىڭ ئىتالىيە كۆچمە تورىغا شەكىللەندۈرگەن دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

 

ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو چارشەنبە كۈنى ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىجى دى مايو (Luigi Di Maio) بىلەن رىمدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىككىمىز خىتاينىڭ ئىتالىيەدىكى ئىقتىسادىي مەۋجۇتلۇقىدىن پايدىلىنىپ ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇشىدىن ئامېرىكىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇزۇن ۋاقىت مۇزاكىرىلەشتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىتالىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە شەكىللەندۈرگەن تەھىدتىنى ئەستايىدىل ئويلىشىشقا دەۋەت قىلدى.»

 

دىپلوماتىيە مىنىستىرى دى مايو مۇنداق دېدى: ئىتالىيە ئامېرىكىنىڭ خىتاي 5G تېخنىكىسىغا بولغان ئەندىشىسىنى چۈشىنىدۇ ۋە «ھەر بىر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق بىلىدۇ».

 

دى مايو يەنە ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 5G تېخنىكىسىنى ئېچىش مەسىلىسىدە ئورتاق مەيداندا تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

خۇاۋېينىڭ ئىتالىيەدىكى تارماق شىركىتىنىڭ باش درېكتورى لۇئىجى دې ۋەككىس (Luigi De Vecchis) بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تارماق شىركەتنىڭ ئۆز پەن-تېخنىكىسىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەر قانداق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز بارلىق سىياسىي بېسىملارغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىچكى قىسمىمىزنى ئاشكارىلاشقا، ئىچ-باغرىمىزنى يېرىپ كۆرسىتىشكە تەييارمىز.»

 

مەنبە:
https://www.voachinese.com/a/pompeo-warns-italy-over-huawei-09302020/5603828.html

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

چا سېنتەبىر 30 , 2020
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 12- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3- نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسى 28- سىنتەبىر غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

You May Like