پارىژدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى يۈرۈش»تېمىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

پارىژدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى يۈرۈش»تېمىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

پارىژدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى يۈرۈش»تېمىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-دېكابىر

ئارمان

3-دېكابىر شەنبە كۈنى «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا پارىژ شەھىرى مەركىزىدە چوڭ كۆلەملىك يۈرۈشلۈك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

شۇ جاي ۋاقتى سائەت 14 بىلەن پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان «باستىل مەيدانى» دىن باشلانغان نامايىشقا 500 يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەرلىك فىرانسۇزلارمۇ كۆپ ساندا ئىشتىراك قىلغان. نامايىشقا يەنە فىرانسىيەدىكى سىياسەتچىلەردىن: سېناتور داۋىد ئاسولىن(David Assouline)، سېناتور ئاندرېي گاتولەڭ (André Gattolin)، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئولىۋىيې فوئۇغ (Olivier Faure)، پارىژ شەھىرى مۇئاۋىن باشلىقى ژاڭ لۈك غومېغو مىشەل(Jean-Luc Romero-Michel)، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى رافائېل گلۇكىسمەن (Raphaël Glucksmann)، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى يانىك جادوت (Yannick Jadot) قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

نامايىش قوشۇنى «باستىل مەيدانى»دىن يولغا چىقىپ ئىككى كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ «مىللەت» مەيدانىغىچە يېتىپ كېلىش جەريانىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ماڭغان. «فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىرقانچە داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نامايىشنى نەق مەيداندىن ئاڭلاتقان.

نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا خىتاي دىكتاتور ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغان «ئاق قەغەز» ئىنقىلابىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ قېتىملىق نامايىشتا كىشىلەر قوللىرىغا ئۇيغۇر ۋەتىنى بايرىقىنىڭ رەڭگىدە  «ئاق ۋە كۆك رەڭلىك» قەغەزلەرنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىشقان. بەزى نامايىشچىلار قوللىرىغا 24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ بۇلار مۇخبىرلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىنى تارتقاندىن سىرت يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاممىنىڭمۇ دىققىتىنى جەلپ قىلغان.

«مىللەت» مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سىياسەتچىلەر، ھەرقايسى تەشكىلات، ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا سۆزگە چىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە شىكايەت قىلغان. ھەممە بىردەك ماكروڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلەرگە تېخىچە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىشقان، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي شەكىلدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. نامايىش شۇ جاي ۋاقتى 17 گە قەدەر داۋاملاشقان.

ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ئوخشاش كۈندە پارىژ ئېففېل مۇنارىنىڭ ئاستىغا جايلاشقان «كىشىلىك ھوقۇق» مەيدانىدا خىتاي  ئاممىلىرى قوللىرىغا ئاق قەغەزلەرنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىشقان.

Uyghur Reporter

Next Post

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر سىياسىي قانۇن لايىھىسى» ماقۇللاندى

يە دېكابىر 4 , 2022
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر سىياسىي قانۇن لايىھىسى» ماقۇللاندى

You May Like