ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى پورتۇگالىيە پارلامېنتىدا شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ باردى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قاتار زىيارىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ئەللامە، ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ جىنازىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قاتارغا بارغان ئۇستاز مەھمۇدجان داموللامنىڭ قاتار زىيارىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتى تەرىپىدىن ئۆز مىللى كىملىكى ۋە ئەدەبى ئەمگەكلىرى سەۋەبلىك قاماققا ئىلىنغان تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇر پەرھات تۇرسۇن 30-سىنتەبىر كۈنى شېۋتسيەنىڭ تۇچولسكى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشكەن.

بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 77-نۆۋەتلىك ئومۇمى قۇرۇلتىنيڭ بەشىنچى كۈنى بولۇپ، 190 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن دۇنيا رەھبەرلىرى دۇنيانىڭ تىچلىق ۋە بېخەتەرلىك، ئ‍نسان ھەقلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش، بايلىق ۋە تەرەققىيات قاتارلىق تېمىلاردا ئاممىۋى ۋە يەككە مۇزاكىرىلەرنى ئىلىپ بارىدۇ.

ئەلفىدار ئىلتەبىر، زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن. دىليار قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇر 18-سىنتەبىردىن 21-سىنتەبىرگىچە ئۈچ كۈن ئامېرىكا ئاق ساراي ئالدىدا ئاچلىق ئىلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قارار لايېھەسى سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى،ئۇلار ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى-ئۇيغۇرىيە تېلېۋزىيەسى ئارقىلىق نىمە دەيدۇ؟

19-سىنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لاگىر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت، گۈلزىرە ئاۋۇلقان ،ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئابلىكىم ئىلتەبىر، داىسى لاگىرغا سولانغان دىليار سەيفۇللا قاتارلىقلار پايتەخت ۋاشنگىتوندىكى ئاق ساراي ئالدىدا، لافايەت باغچىسى تەرەپتە، ختتاينىڭ شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇرستان غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە يۈرگۈزىۋاتقان ئاچ قويۇش ۋە باشقا قىرغىنچىلىق سياسەتلىرىگە قارشى ئاچلىق ئىلان قىلىش نامايىشى ئىلىپ باردى.