ئۆزىڭىزنىڭ بايلىق شىفىرىنى يېشىڭ

«باي دادام، نامرات دادام» ناملىق كىتابتا نەق پۇلنىڭ ئېقىشىدىكى كوردىناتلىق چارەك تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، جەمئىي تۆت دانە كوردىناتلىق چارەك ئارقىلىق كىرىمنىڭ كېلىش مەنبەسى تەسۋىرلەنگەن.

«باي دادام، نامرات دادام» ناملىق كىتابتا نەق پۇلنىڭ ئېقىشىدىكى كوردىناتلىق چارەك تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، جەمئىي تۆت دانە كوردىناتلىق چارەك ئارقىلىق كىرىمنىڭ كېلىش مەنبەسى تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭدا سول يۇقىرى چارەك باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەشنى، سول تۆۋەن چارەك ئۆزىگە ئۆزى ئىشلەشنى، ئوڭ يۇقىرى چارەك باشقۇرغۇچى بولۇشنى، ئوڭ تۆۋەن چارەك بولسا مەبلەغ سېلىشنى ئىپادىلىگەن. ئومۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا، سول تەرەپتىكىسى ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ئېرىشىدىغان، ئادەتتە قانچە كۆپ ئىشلىسە، پۇلىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىغان كىرىمنى كۆرسەتكەن. ئوڭ تەرەپ يۇقىرى چارەكتىكىسى باشقىلارنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە كىرىمگە ئېرىشىدىغان خوجايىننى، ئوڭ تەرەپ تۆۋەن چارەكتىكىسى مەبلەغ سالغۇچى، پۇلغا تايىنىپ پۇل تاپىدىغان، ئادەتتە قانچە مەبلەغ سالسا شۇنچە پۇل تاپىدىغان كىشىلەرنى كۆرسەتكەن. ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىشىۋاتقان كىشىلەر مۇشۇ كوردىناتلىق چارەكلەر ئۈستىدە ھەر دائىم ئويلىشىشى، ئۆزىنى سول تەرەپتىن ئوڭ تەرەپكە يۆتكەشكە تىرىشىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ تۆت چارەك ئوخشاش بولمىغان بايلىق ئاساسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئوخشاش بولمىغان بايلىق ئاساسى ئوخشاش بولمىغان بايلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە ئىگە بولىدۇ. تۆۋەندە بۇ چارەكتىكى خادىملار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز. بىرىنچى چارەكتىكىلەر: ياللانغۇچى. ئادەتتە بۇ خىل ئادەملەرنىڭ ئۆز مەبلىغى يوق. پەقەت ئىككى قولىغا تايىنىپ باشقىلارنىڭ كارخانىسى ئۈچۈن ئىشلىگەندىلا ئاندىن ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ھامان كارخانا ئىشتىن بوشىتىدۇ. ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. تالاي ئادەملەر نۆۋەتتە مانا مۇشۇ چارەكتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككىنچى چارەكتىكىلەر: ئەركىن خىزمەتچى. بۇ خىل كىشىلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا مۇستەقىل مەبلىغى يوق، پەقەت نىسبەتەن يۇقىرىراق تېخنىكا ماھارىتى بار. ئۇلار باشقىلارغا ئىشلەشنى خالىماي، ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ. ھازىر مەلۇم بىرى دەل موشۇ چارەككە تەۋە بولۇپ، يېزىقچىلىققا تايىنىپ جان باقىدۇ. ياخشىراق يېزىپ قالسا بىرىنچى چارەكتىكىلەردىن كۈنى جىق ياخشى ئۆتىدۇ. بۇ خىل چارەكتىكىلەرنىڭ كۈنىغۇ ياخشى بولىدۇ، لېكىن يازغىنى ياخشى چىقماي قالسا ئۆرە تۇرالماي قالىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا مۇنداقلارنىڭ كۈنىمۇ بەك تەس. ئۈچىنچى چارەكتىكىلەر: كارخانا ئىگىلىرى. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۆز مەبلىغى بار. باشقىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە پايدا تېپىشنى بىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ خەتەر كۆپ، ياخشى قىلالمىسا ۋەيران بولىدىغان گەپ. لېكىن، ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئۇلار چوقۇم ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولىدۇ. تۆتىنچى چارەكتىكىلەر: مەبلەغ سالغۇچىلار. بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ مۇستەقىل مەبلىغى بار، شۇنداقلا مەبلىغىدىن پايدىلىنىشقا، مەبلەغنى مۇقىم پايدا كېلىدىغان ساھەلەرگە سېلىشقا ماھىر. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا خېيىم- خەتەرگە ئۇچرايدۇ. بىراق، ئەگەر خەتەرنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان دەرىجىدە كونترول قىلالىسا، ئۇلار چوقۇم غالىپ مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئايلىنالايدۇ. مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئوخشاش بولمىغان چارەكتىكى كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى دەسلەپكى ھالىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئاشۇ چاغدىكى تۇرقىڭىز ياخشى بولمىسا، يۈگىرەشكە باشلىغان چاغدا يىقىلىپ چۈشىسىز. بۇ بىز دەيدىغان «ئۆزىنى بىلگەن ئەلا» دېگەن شۇ. ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ چارەكلىك قانۇنىيىتىنى ئوبدان چۈشىنىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشسىڭىز ھايات يولىڭىزدىكى ھەر بىر قەدەمنى پۇل بىلەن باسىسىز.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

مارىلاند شتاتى رايون ئۇنېۋرستىتلىرى ئوقۇش ھەققىنى كۆتۈرۋىتىدۇ !

سە ماي 8 , 2018
مارىلاند شتاتى رايون ئۇنېۋرستىتلىرى ئوقۇش ھەققىنى كۆتۈرۋىتىدۇ!

You May Like