ئۆزبېكىستاندىكى بىر زاۋۇتتا غايەت زور پارتلاش يۈز بەرگەن

ئۆزبېكىستاندىكى بىر زاۋۇتتا غايەت زور پارتلاش يۈز بەرگەن

ئۆزبېكىستاندىكى بىر زاۋۇتتا غايەت زور پارتلاش يۈز بەرگەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-ئۆكتەبىر

ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-ئۆكتەبىر ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتكە يېقىن جايدىكى چىرچىك Chirchik شەھىرىگە جايلاشقان Maksam-Chirchik خىمىيەلىك ئوغۇت زاۋۇتىدا زور پارتلاش يۈز بەرگەن. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە مەزكۇر زاۋۇت ئۆزبېكىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ئىكەن.

تاشكەنت يەرلىك دائىرىسىنىڭ بەرگەن باياناتلىرىدا دېيىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە زاۋۇتنىڭ 1-نومۇرلۇق ئاممونىي گازى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زاۋۇتتىكى بىرقانچە ئورۇندا زور پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چەتئەل تاراتقۇلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر پارتلاشتا ئىككى ئادەم ئۆلۈپ كۆپلىگەن كىشىلەر يارىلانغان. ئەمما ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ئۆلۈم يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە تېخى رەسمىي بايانات بەرمىگەن.

ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاممونىي ئوغۇتى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان ئوغۇتلار ئاساسلىقى رۇسىيە، ئۇكرائىنا، قازاقىستان، ئىران، تۈركىيە، مالايشىيا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا

سە ئۆكتەبىر 4 , 2022
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا

You May Like