ختاي: «تۇنجى قېتىم ئاتالمىش« شنجاڭ»نىڭ ئىككى ئومۇمى يېغىنىغا چەتئەللىكلەرنى قاتناشتۇردۇق»،ساختلىقى قەيەردە؟

2-فېۋرال، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، يىغىن مۇددىتى تۆت كۈن؛ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان بولۇپ، ختاينىڭ بىلدۈرىشچە، بىر قسم چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر قاتناشتۇرۇلغان.

ختاي خەلق تورىنىڭ ئىلان قىلىشچە، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلەشكۈچى ھەمراھ دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى سىرتتىن ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلغان ۋە قاتناشتۇرغان.

ختاي مەزكۇر يېغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مەريەم ئىسمائىل، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شۈ ئايرىم – ئايرىم ھالدا ختاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.

ئەمما ختاي راستىنلا ئىككى ئومۇمى يېغىنىنى چەتئەللىكلەرگە ئېچىۋەتتىمۇ؟

ئەمەلىيەتتە، ختاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك شنجاڭ تەشۋىقاتىنىڭ بىر قسمى.

ئۇنىڭ مەقستى -دۇنياغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكارقىلىدىغان تەشۋىقات  ۋە پىروپاگاندانى كۆپەيتىشتىن ئ‍بارەت.

بۇنى ئىككى جەھەتتە كۆرۈۋىلىش مۇمكىن:بىرى  ختاي بۇ ئىككى يېغىننى پەقەت ئ‍ۆزىگە سياسى مەنپەئەت جەھەتتە بېقىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە ئاچقان بولۇپ، بۇ ۋەكىللەر ئىلگىرى كۆپ قېتىم ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىينكار قىلىش تەشۋىقاتىغا ھەسسە قوشقان.

ئىككىنچىدىن، بۇ دۆلەتلەر ۋەكىللىرى پەقەت يېغىن زالى ۋە ئەتراپىدىكى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىھماندوست كەيپىياتتىن ھۇزۇرلىنىشتىن باشقا، ھىچقانداق ئەمەلى ۋە ئ‍نسانى ، شەخسى پائالىيەتلەردە بولمىغان.بۇ تەشۋىقات ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن بىردەك بولۇپ، ختاي ھىچقانداق كۈچىمەيلا ئ‍ۇلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىششنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

ختاي يەنە ھىچقانداق ئەمەلى ھوقۇقى بولمىغان ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى يالغاندىن ئالدىغا چېقىرىش ئارقىلىق خۇددى ئ‍ۇيغۇرلار ئۆزىنى ئۆزى ئىدار قىلالايدىغان ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىدەك بىر ساختا چۈشەنچىنى يارىتىشقا تىرشقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ختاينىڭ ئويۇنلىرىنى نورمال كۆزەتكۈچىلەر بىلەلەيدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

گوللاندىيەدە غۇلجا قىرغىنچىلقىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرلەش نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

دۈ فېۋرال 5 , 2024
(مەنبەسى ئابدۇرېھىم غېنى فايىس بۇك ھېساۋاتى) ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر 5-فېۋرال ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە جاراھەتلىك ۋەھىمە پەيدا قىلغان «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» بولغان كۈن. بۇنىڭدىن 27 يىل مۇقەدەم، يەنى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرياش ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەشرەپ ۋە پۇتبۇل ھەركىتىنىڭ چەكلىنىشى، باللار ۋە ئاياللارنىڭ خىتاي شەھەرلىرىگە ئالداپ ئېلىپ […]
ئابدۇرىھم غەنى

You May Like