ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا قوللىدى، «شەرقىي تۈركستان تېررورچىلىرىغا زەربە بىرشتە خىتايغا ياردەم بەردۇق.»

ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا قوللىدى، «شەرقىي تۈركستان تېررورچىلىرىغا زەربە بىرشتە خىتايغا ياردەم بەردۇق.»

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەلقئارا بۆلۈمى خەۋىرى
2021- يىلى 2- ئاپرېل

 

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى، ئۆزبېكىستان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر نورو مۇنداق دېدى: «بىز 2004- يىلى تاشكەنتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرغان ئىدۇق، شۇنىڭدىن كېيىن بىز شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى تېرروچى، رادىكال ۋە بۆلگۈنچى ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشتە ياردەم بېرىپ كەلدۇق… مەن ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەرنى زىيارەت قىلدىم، بۇ شەھەرلەر تارىختىن بېرى خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇپ كەلگەن.»

 

ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتنى مۇنداق ماختىغان: «تەربىيلەشنڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتا رولى زور.»

 

ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زەربە بىرشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ھازىرغىچە خىتاينى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ.

 

2020- يىلى فېۋرالدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو ئوتتۇرا ئاسيادا زىيارەتتە بولغاندا، ئوتتۇرا ئاسيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا بېسم ئىشلىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋا بۇنى قەتئىي رەت قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: «بىز ئوتتۇرا ئاسيانىڭ مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، ھەمكارلاشقان ھالىتىنى كۆرۈشنى خالايمىز، بىز رايونىمىزدىكى چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرسدىكى رىقابەت سەۋەبىدىن پايدىسز سياسىي ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشنى خالىمايمىز.»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

نيۇيورك ۋاقېت گېزىتى:جامائەت پىكىرىگە دۇچ كەلگەندە، ياپونىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرالامدۇ؟

يە ئاپرېل 4 , 2021
نيۇيورك ۋاقېت گېزىتى:جامائەت پىكىرىگە دۇچ كەلگەندە، ياپونىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرالامدۇ؟

You May Like