ئوتتۇرا ياۋروپادىكى ئەڭ قەدىمىي ئۇنۋېرسىتېت خىتاي تەتقىقات مەركىزىنى تاقىدى

چېخ بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بۇلتۇردىن باشلاپ ناچارلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ھالەت تېخىمۇ ناچارلاشتى. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت چېخ سىياسەت ساھەسىدە ئۆزلۈكسىز مۇنازىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولۇپ كەلدى. بۇ تالاش تارتىشنىڭ ئەڭ يېڭى باش پېرسوناژى بولسا ئوتتورا ياۋروپادىكى ئەڭ قەدىمىي ئۇنۋېرسىتېت- چېخ چارلېس ئۇنىۋېرسىتى (Charles University).

(2019-يىلى 13-نويابىر)

13-نويابىر چارلېس ئۇنىۋېرسىتى مەكتەپ مۇدىرى چېخ-خىتاي مەركىزىنى (捷中中心) تاقاش قارارىنى چىقارغان ۋە بۇ قارارنىڭ بۈگۈندىن ئىتىبارەن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 

خىتاينىڭ چېختا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خىتاينىڭ دېپىنى چالىدىغان ئىلمى تەتقىقات يىغىنلىرى ۋە دەرسلىكلەر ئۈچۈن مەخپىي ھالدا پۇل تۆلىشى بۇ قارارنىڭ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان. مەسىلەن، خىتاي ھەققىدە مۇھاكىمە بولىدىغان بىر ئىلمى يىغىن ئۈچۈن ئەلچىخانا 360 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى تۆلىگەن، ئۇنىۋېرسىتېت ئورۇنلاشتۇرغان بىر يول بىر بەلۋاغنى چۈشەندۈرىدىغان دەرس ئۈچۈن بولسا 21 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى تۆلىگەن. 

چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇنىۋېسىتىتلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، خىتاينىڭ چارلېس ئۇنىۋېرسىتىتىغا پۇلنى مەخپىي ھالدا تۆلىشى بەس مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان. خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ پۇللارنى چېخ-خىتاي مەركىزىنىڭ مۇدىرى مىلوس بالاباننىڭ (Milos Balaban) شەخسىي شىركىتىگە تۆلەپ، بۇ شىركەت ئارقىلىق ئۇنىۋېرسىتېت ھېساباتىغا يۆتكىگەن. ئۇنىۋېرسىتىت بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن مىلوس بالابان دەرھال ئىستىپا بەرگەن.

مەنبە: 歐洲動態

https://twitter.com/europechinese/status/1194678389006667776

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

چا نويابىر 13 , 2019
يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىلى ۋە 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 34-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى شەنبە سائەت 13:00 تىن 17:00 غىچە ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە نەزەر» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

You May Like