ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى بىر ئالتۇن كان قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ 9 نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۆلگەن

ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى بىر ئالتۇن كان قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ 9 نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۆلگەن

 ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى بىر ئالتۇن كان قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ 9 نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۆلگەن

ئارمان

2023-يىلى20-مارت

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە جايلاشقان خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر ئالتۇن كانى 19-مارت يەكشەنبە كۈنى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ 9 خىتاي ئۆلۈپ 2 خىتاي يارىلانغان.

ۋەقە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ Bambari شەھىرىگە يېقىن بىر يېزىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە ئەتىگەن سائەت 4 ئەتراپىدا قوراللىق بىر گۇرۇپپا كىشىلەر شۇ جايدىكى يېقىندا ئېچىلغان خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالتۇن كانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىدىكى ئەشيالارنى شۇنداقلا كان قېزىش ئەسلىھەلىرىنى بۇلاپ ئېلىپ كەتكەن. Bambari شەھىرىنىڭ باشلىقى بۇ ھۇجۇمنى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات CPC نىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما مەزكۇر تەشكىلات بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە تېخى بىر قانچە كۈننى ئالدىدا ئوتتۇرا ئافرىقا بىلەن كامېروننىڭ چېگرىلىنىدىغان يېرىدە ئۈچ نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسى بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە نورۇزلۇق تەبرىكنامە ئەۋەتكەن

سە مارت 21 , 2023
شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە نورۇزلۇق تەبرىكنامە ئەۋەتكەن

You May Like