ئوت كەتكەن مەھەللىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى تېپىلدى

ئوت كەتكەن مەھەللىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى تېپىلدى

 ئوت كەتكەن مەھەللىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى تېپىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 29-نويابىر

24-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن كېلىپ چىققان بىر يۈرۈش زور ۋەقەلەر دۇنيا ئاخباراتچىلىقىدا قىززىق نۇقتا بولۇپ خەۋەر قىلىنماقتا، ئەمما ئۇيغۇرلار شۇ قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىنىڭ ئىسمى دۇنيا مېدىئالىرىدا خىتايچە نامى بىلەن «吉祥苑» ئولتۇراق قورۇسى دەپ ئېلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ھادىسىگە دىققەت قىلغان «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» تور دۇنياسىغا مۇراجىئەت قىلىپ بۇ مەھەللىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى تېپىشقا كىرىشتۇق، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ياردىمى ئاستىدا بۈگۈن بۇ مەھەللىنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى تېپىپ چىقتۇق.

بۇ مەھەللە(ئولتۇراق رايون)نىڭ ئۇيغۇرچە نامى «بەخت سائادەت» گۈللۈكى بولۇپ، تولۇق ئادرېسى ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي تىنچلىق يولى 1-كوچا 71-قورۇ ئىكەن. 


ئاگېنتلىقىمىز چەتئەللەردىكى بۇ قورۇدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ياكى مۇشۇ قورۇدا بۇرۇن ياشاپ باققان نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇچۇر ئىگىلەپ باققان بولساقمۇ بۇ مەھەللىنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇ ھال يەنە بىر نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ، يەنى خىتاي رېجىمى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىكى ھالقىلىق بىر نۇقتا مىللىتىمىز تىل يېزىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ياكى تۈپتىن يوق قىلىشتۇر. ئۇيغۇرلار ئۆزى تۇرىۋاتقان مەھەللە، كوچا ئىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنىمۇ تولۇق بىلمەيدۇ، بىلگەن تەقدىردىمۇ بۇ نام ئاتالغۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىش قىممىتى يوق. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

«نىيۇ-يورك ۋاقىت» گېزىتىدە سۆز قىلغان تاھىر ئىمىن ئەپەندىم مۇنداق دېگەن: « بۇ قېتىمقى ۋەقە خىتاينىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بىلەن قىلچىلىك ئويلاشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى…»، شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قورۇنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى تېپىشنىڭ مۈشكۈل بولۇشى، يەنە بىر جەھەتتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى، تىل يېزىقلىرى بىلەن ئەسلا كارى يوقلىقىنىمۇ ئىسپاتلىدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي سابىق رەئىسى جىياڭ زېمىن ئۆلگەن

چا نويابىر 30 , 2022
خىتاي سابىق رەئىسى جىياڭ زېمىن ئۆلگەن

You May Like