2019-يىلى 30-ئاپرىل.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگىتون
كوررېكتور: مەنزىل
پورتلاند شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر ھەپتە تونۇشتۇرۇلغان.
ئامېرىكىنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئورىگون شتاتى پايتەختى پورتلاند شەھىرىدە ئۇيغۇر زىيالىسى، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن بىر ھەپتىلىك ئۇيغۇر مەسىلىسنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، مەزكۇر شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ بەش قېتىملىق تەكلىپلىك لېكسىيەسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ باياناتچىسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان سۆزىدە :«ئامېرىكا ئىنسانلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى، ھوقۇقى ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە ئۇنى تەرغىپ قىلىدۇ، شەھىرىمىز ئۇيغۇر تەتقىقاتچى تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ پورتلاند شەھىرىدكى شركەت، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاڭلىتىشىنى قارشى ئالىدۇ. شىتاتىمىز مىڭلىغان روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا ساھىپخانلىق قىلىۋاتقان شىتات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرنى قوللايدۇ…»
تاھىر ئىمىن ئەپەندى 4-ئاپرىلنىڭ 24-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئورىگون شتاتىدا ئامېرىكىدىكى چوڭ تېخنىكا شركەتلىرىدىن ئىنتىل شركىتىنىڭ سانائەت مەركىزى، پورتلاند سانائەت بازىسى، پورتلاند مۇسۇلمانلار مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئالتە مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ، يەرلىكلەرنىڭ ۋەزىيەتكە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى ئۆستۇرگەن. ئاڭلىغۇچىلار ئاساسەن تېخنىكا ۋە ئېقتساد ساھەسدىكى ئىلغار زىيالى ئاممىسى بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى، كۆپ قسم ئاڭلىغۇچىلار :«ۋەزىيەتتىن بىز پۈتۈنلەي خەۋەرسز ئىكەنمىز، بۇ ئوچۇق ئاشكارا قىرغىنچىلىق، بىر مىللەتكە، بىر ئېتىقاتقا، بىر مەدەنىيەتكە ئۇرۇش ئاچقانلىق، ئەمما بىز بۇنى توختىتىش ئۈچۈن زادى نىمە قىلالايمىز؟ » دىيىشتى. ھەر قېتىملىق لېكسىيەدىن كېيىن مۇشۇ مەزمۇن مۇزاكىرىنىڭ ئاساسى تېمىسى بولدى. نىمە قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە تەييارلانغان 7 تۈرلۈك ھەرىكەت لاھىيىىسى ئىچىدە ئاممىغا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
*ئىزاھات:
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندى ئۆزى قىلىۋاتقان ئېتىبارلىق ئىشلار ھەققىدە خەۋەر بېرىشنى لايىق تاپمىسىمۇ ، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىملىرى تاراتقۇلاردا قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان ئىدى، بىز خەلقىمىزگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن تەپسىلى خەۋەر بەردۇق.